ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
جىددىي تۈسكە كىرىۋالماق؛ تەمكىن بولۇۋالماق؛ جىددىي تەرىزدە؛ جىددىي تۈستە.
جىددىي قىياپەتتە كەسكىن سۆزلىمەك؛ تەرىنى تۈرۈپ گەپ قىلماق؛ قاتتىق تەگمەك.
جىرىم تىكمىگەن ئوتۇنسىز قاپتۇ.
جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ناچارلاپ كەتمەك؛ تەننىڭ ساقلىقى يوق، كۆڭۈلنىڭ ئارامى.
جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ؛ جىڭ ئالتۇن ئوتتا سىنىلىدۇ.
جىڭ ساختا بولالماس، ساختىسى جا بولالماس.
جىم تۇرۇۋالماق؛ سۈكۈت قىلماق؛ زۇۋان سۈرمەسلىك.
جىمغور؛ كەم سۇخەن؛ دىمى ئىچىگەچۈشۈپ كەتمەك.
جىمى جاھان جىمىغان؛ تۆت ئەتراپ جىمجىتلىق؛ ھەممىلا يەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەك؛ ئەل ئايىغى بېسىلغان چاغ.
جىن-ئالۋاستىلار قۇتراپ كەتمەك؛ بۇزۇقلار قۇتراپ كەتمەك.
جىنايىتى چېكىدىن ئاشماق؛ ھەممە شۇملۇقنى قىلماق.
جىنايىتىنى داغدۇغا بىلەن ئەيىبلىمەك.
جىنايىتى ئۇچچىغا چىققان؛ جىنايىتى چېكىدىن ئاشماق.
جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر؛ گۇناھى بەكمۇ ئېغىر.
جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا؛ باشقا غەرەزدە بولماق.