ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
جەمئىيەت كەيپىياتى كۈندىن-كۈنگە ناچارلاشماق؛ ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسايىن چۈشكۈنلەشمەك.
جەندىگە ۋارىسلىق قىلماق؛ تەۋەرۈككە ۋارىسلىق قىلماق؛ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرماق.
جوڭگوچە ۋە غەربچىنى بىرلەشتۈرمەك؛ جوڭگو ۋە چەتئەلنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەك.
جۇدۇن-چاپقۇن؛ بوران-چاپقۇن.
جۇشقۇنلاپ ئاقماق. ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتمەك؛ توختىماي سۆزلىمەك.
جۇش ئۇرۇپ ئۆركەشلىمەك؛ ئۆركەشلەپ ئاقماق؛ مەۋج ئۇرۇپ ئاقماق؛ قايناپ تاشماق.
جۇڭگۇ ۋە چەت ئەلگە مەشھۇر.
جۇل-جۇل كىيىم؛ قۇراق چاپان؛ يەتمىش يىرى ياماقلىق كىيىم.
جۈرئەتلىك بولماق؛ شىجائەتلىك بولماق
جۈملىسى راۋان بولماسلىق .
جېدەل چىقارماق؛ ۋەقە چىقارماق؛ چاتاق چىقارماق؛ ئىش تېرىماق.
جېدەل-ماجىرالارنى ھەل قىلماق.
جېسەكنىڭ جەسىتى جىسا بولۇپ تىرىلىپتۇ؛ باشقا بىر خىل شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقماق.
جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالماق؛ سەكراتقا چۈشۈپ قالماق؛ جان ھەلقۇمغا كېلىپ قالماق.
جېنىدىن تويغانلار؛ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويغانلار.
جېنىنى ئاياپ ئۆلۈمدىن قورقماق.
جىددى ۋەزىيەتنى ئوڭشىماق.
جىددىي بۇرۇلۇش بولماق؛ ئەھۋال (ۋەزىيەت) بىردىنلا ئۆزگەرمەك.
جىددىي تۈس ئالماق؛ چىرايىدىن ئادالەتپەرۋەر روھ كۆرۈنۈپ تۇرماق.