ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چوڭقۇر مۇھەببەت، قويۇق دوستلۇق؛ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت، چىن دوستلۇق.
چوڭلارنىڭ نەسىھەتنى ئاڭلىمىساڭ، زىيان تارتماي قالمايسەن.
چوڭ ماجرا؛ قاتتىق غەليان؛ چوڭ غۇۋغا؛ چوڭ ۋەقە؛ چوڭ بوھران
چوڭنى كىچىك ئورنىدا ئىشلەتمەك؛ گۆھەرنى تاش ئورنىدا ئىشلەتمەك؛ ئۆز لايىقىدا ئىشلەتمەسلىك.
چوڭ ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ، كىچىكىگە قولى بارمايدۇ؛ ئىگىزگە قولى يەتمەيدۇ، تۆۋەننى ياراتمايدۇ.
چوڭ ئىش قىلىشنىڭ كويىدا يۈرمەك؛ شۆھرەتپەرەسلىك.
چوڭ ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق؛ ئاساسىي مەزمۇنغا دەخلىسى يوق؛ ئانچە ئەھمىيتى يوق؛ كارى چاغلىق.
چوڭ ئىشنى كىچىك قىلىپ كۆرسەتمەك؛ غۇلاچنى غېرىچ قىلىپ كۆرسەتمەك.
چوڭ ئىمارەتلەر ۋە كەڭ ھويلىلار (قورۇلار).
چوڭ يانغىن؛ دالىدىكى يانغىن.
چوڭ يەردە مالاي بولغىچە ، كىچىك يەردە خوجا بول.
چولاق كەتمەندە بوز ئاچماق؛ جاپاغا چىداپ ئىشلىمەك.
چومنىڭ ئۈستىگە ئېگەر توقۇماق؛ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق.
چويلىدا توختىمايدىغان؛ تۇتامى يوق.
چويۇننى پولات قىلاي دېسەك ئوتنى ئۇلغايت.
چۇقان كۆتۈرمەك؛ شاۋقۇن-سۈرەن سالماق.
چۆجىنى كۈزدە سانىماق؛ ئىش تۈگىگەندە ھېساب-كىتاب قىلماق.
چۆل-جەزىرىلەرگە قېچىپ كەتمەك؛ قۇيرۇقىنى خادا قىلماق؛ تىرىپىرەن بولماق.