ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چاپقان ئاتنى يوچۇقتىن كۆرگەندەك؛ ھەش-پەش دېگۈچە؛ كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە.
چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا.
چات كېرىۋالماق؛ ئۆزئالدىغا تارتىۋالماق.
چا-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتمەك؛ پارە-پارە بولۇپ كەتمەك.
چار پاقا قوداي گۆشى يېسەم دەيمىش؛ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپتۇ؛ ئېگىز ئوقۇرغا بويۇن سوزماق؛
چارچاپ ھالىدىن كەتمەك؛ بەك چارچاپ كەتمەك.
چاسا ئۈلگۈجەككە دۈگىلەك مۇجۇق؛ ئەپ كەلمەسلىك؛ ماس كەلمەسلىك.
چاشقان باقساڭ تاغىرىڭ تۆشۈك بولۇر.
چاشقان بىرلەشسە مۈشۈكنى ئۆلتۈرىدۇ.
چاشقان توپىدىن مۈشۈك قۇتۇلالماس.
چاشقان تۇتالايدىغان مۈشۈك مىياڭلىمايدۇ.
چاشقان كامار تېشىش كويىدا، دۈشمەن يوچۇق تېپىش كويىدا.
چاشقان كۈندۈزدىن قورقىدۇ.
چاشقانلار بولسا مۈشۈكتىن قورقىدۇ.
چاشقان ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ، مۈشۈكتىن قورقىدۇ.
چاققان ۋە ئەپچىل. ئىخچام ۋە كۈچلۈك.
چاقماقتەك تېزلىك بىلەن؛ ھەش-پەش دېگۈچە؛ شىددەت بىلەن.
چاقماقتەك تېز؛ ئۇچقاندەك؛ ناھايىتى تېز.
چاقماقتەك تېز ۋە شىددەتلىك؛ ئاجايىپ تېز ۋە ھەيۋەتلىك.