ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چاقماقتەك چاققان بولماق؛ تېز ھەرىكەتكە كەلمەك.
چاقمايدىغان يىلان يوق.
چاقىرىلمىغان مېھمان.
چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتمەك؛ پارە-پارە بولۇپ كەتمەك؛ چاك-چېكىدىن پارچىلانماق.
چاكىنا ۋە رەزىل؛ چاكىنا ۋە ئىپلاس.
چاكىنىلىقتىن خالىي بولالماسلىق.
چاڭ-توزان قوندۇرماسلىق؛ چاڭ يۇقتۇرماسلىق؛ ئۆزىگە توپا قوندۇرماسلىق؛ ناھايىتى پاكىز؛ ئۆزىنى پاك تۇتماق.
چاڭقىغاندا بىر تامچە سۇمۇ شېكەر تېتىيدۇ.
چاڭقىغاندا سۇغاتەشنا بولماق؛ قاتتىق ئىنتىزار بولماق؛ كۆزى تۆت بولماق.
چاڭقىغاندا قۇدۇم قازماق؛ جان تۇمشۇققا كەلگەندە سۈرە ياسىن ئوقۇماق.
چاڭگا بۇزۇلسا، تۇخۇم ساق قالماس.
چالا-بۇلا؛ پارچە-پۇرات؛ يېرىم-يارتا.
چالا-بۇلا ئىشلەپ بولدى قىلماق؛ ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزىۋەتمەك؛ قولدىن ئۆتكۈچە، ئۆيگە يەتكۈچە.
چالا ئۆلۈك؛ يېرىم جان بولۇپ قالماق.
چالا ئۈلۈك قىلىپ قويماق؛ نەچچە ئۈلۈپ، نەچچە تىرىلمەك. يىغلاپ ئېقىپ كەتمەك؛ قاتتىق ھەسرەت-نادامەت چەكمەك.
چاما يەتمەس ئىش؛ چىققىلى بولمايدىغان چوققا.
چامى يېتىشىچە؛ قولىدىن كېلىشىچە.
چاندۇرماسلىق؛ تۇيدۇرماسلىق.
چاندۇرۇپ قويغان يەرلىرى كۆپ؛ نۇقسان كۆپ بولماق.
چاۋاك ئىككى قولدىن چىقىدۇ.