ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
ئابرويى بىردىنلا ئۆسۈپ كەتمەك؛ مەرتىۋىسى بىردىنلا ئۆرلەپ كەتمەك.
ئابرويى تۆكۈلمەك.
ئابرويى تۆكۈلمەك؛ ئابرويى يەر بىلەن يەكسان بولماق.
ئاب-ھاۋا ياخشى بولماق؛ يامغۇر-يېشىن قاملىشىپ كەلمەك.
ئاپئاشكارا بولۇپ قالماق؛ تولۇق ئاشكارىلانماق؛ چاۋىسى چىتقا يېيىلماق.
ئاپەت بەخت ئېلىپ كەلمەك؛ بەختسىزلىكتىن بەخت تۇغۇلماق.
ئاپەتكە ئايلانماق. يامراپ كەتمەك.
ئاپەت كېتىپ، ئامەت كەلمەك.
ئاپەت ياغدۇرغۇچى مەلئۇن.
ئاپىرىن ئوقۇماق؛ بارىكاللا ئېيتماق؛ ئالقىشلىماق؛ چاۋاك چېلىپ مۇبارەكلىمەك.
ئاتا-ئانىسىنىڭ ئابرويىنى كۆتۈرۈپ، نام چىقارماق.
ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ قالغاندەك.
ئاتا-ئانىنىڭ غەمخورلىقىدا بولماق. ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىنى ئالماق.
ئاتا بولمىغىچە ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئاتاقلىق ئەرباب؛ داڭدار كىشى؛ تەسىرلىك زات.
ئاتاقلىق؛ داڭلىق؛ مەشھۇر.
ئاتاكىغا ئۆتمەك؛ ئىستىھكامغا ئېتىلىپ كىرمەك؛ باتۇرانە كۈرەش قىلماق.
ئات ئالساڭ چىشىغا قارا، دوست تۇتساڭ تەكتىگە قارا.
ئات ئالماق ئاسان، ئېگەر تاپماق تەس.
ئاتام زامان؛ قەمكى زامانلار.