ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چوڭ بولغىنى بىلەن كارغا كەلمەيدۇ؛ كىلەڭسىز؛ كالانپاي.
چوڭ بېلىق كىچىك بېلىقنى يەيدۇ، كىچىك بېلىق كۇمۇتنى يەيدۇ.
چوڭ تەرەپكە نوقسان يەتكۈزمەسلىك؛ ئومۇمىيلىققا دەخلىسى يوق.
چوڭ تور بولمىسا، بېلىقنى چوڭىنى تۇتقىلى بولماس.
چوڭ توغاننى بۇزغان چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى؛ قىلچىلىك سەۋەنلىك تاغدەك بالا كەلتۈرۈپتۇ؛ گۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق.
چوڭ خاتالىق چىقىرىپ قويماق.
چوڭ داخاننىڭ ئالدىدا كىچىك داخاننىڭ جۇدىسى ئۆتمەپتۇ؛ موللا يوق يەردە موللىمەن، موللىنى كۆرسەم يولدىمەن.
چوڭ دۈشمەن ئالدىمىزدا؛ چوڭ دۈشمەن ئالدىدا.
چوڭقۇر پېتىپ كەتمەك؛ قۇتۇلۇپ چىقالماس دەرىجىگە يەتمەك.
چوڭقۇر پىكىر قىلماق؛ ئەتراپلىق ئويلىماق.
چوڭقۇر تەسىرلەندۇرمەك؛ ھۇزۇرلاندۇرماق؛ كۆڭلىنى سۆيۈندۈرمەك.
چوڭقۇر تەسىرلەندۈرمەك؛ يۈرەك-باغرىنى ئىرىتمەك
چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىنتىلمەسلىك؛ تۇلۇق چۈشىنىشكە تىرىشماسلىق.
چوڭقۇر خەندەك، ئېگىز قورغان؛ مۇستەھكەم ئىستىھكام.
چوڭقۇر خىيالغا چۆكمەك؛ قاتتىق باش قاتۇرماق.
چوڭقۇر سۇدىن قورقىمىغان ئادەم بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتالايدۇ.
چوڭقۇر مەنىلىك سۆز؛ ھېكمەتلىك سۆز.
چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىماق؛ مېھرىنى ئۈزەلمەسلىك؛ رىشتىنى ئۈزەلمەسلىك.