ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
چاي-پايدىن كىيىن؛ ئەتىسى-ئاخشىمى؛ بوش ۋاقىت.
چاينى بېشىدىن ھالقىتىپ تۇتماق؛ ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى ئىززەتلىمەك، ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنىڭ ئىززىتىنى قىلماق.
چاينىماي يۇتماق؛ ئاچ بۆرىدەك يېمەك
چاينىماي يېگەن تاماقنىڭ تەمى يوق
چەت ئەلنىڭكىنى جۇڭگو ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماق.
چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرمەك؛ بىر چەتتە تۇرۇپ كۆزەتمەك.
چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرمەك؛ چەتتە قاراپ تۇرماق.
چەكتىن ئاشسا چېچىلار؛ چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن ئىش بۇزۇلار.
چەك-چىگرىسى يوق؛ چېتى كۈرۈنمەيدىغان؛ پايانسىز؛ كۆزيەتكۈسىز.
چەكسىز؛ پايانسىز؛ بىپايان. چېچىلاڭغۇ؛ تۇتامى يوق.
چەكسىز مىننەتدار بولماق؛ قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتماق.
چەكسىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمەك؛ ئۇزۇن ياشىماق.
چەكسىز ئۆزگىرىپ تۇرماق؛ ئۆزگىرىشچان؛ تۇتۇرۇقسىز.
چەككىنى جەبرى-جاپا، ئاڭلىغىنى تەنە-تاپا.
چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىق؛ ئەركىن-ئازادە يازماق؛ سۇدەك راۋان يازماق.
چوتنى خاتا سوقماق؛ چۆچۈرىنى خام سانىماق.
چوشقىغا سېمىزلىك ياراشماس، ئادەمگە ئاتاق؛ ئادەم ئاتاق كۆتۈرۈشتىن ئەنسىرەر، چوشقا سەمرىشتىن.