ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تىز گىننى قويۇۋەتمەك؛ بېشى قايغان، پۇتى تايغان جايلاردا يۈرمەك؛ لاغايلاپ يۈرمەك.
تىزى قىچىشسا، دۈمبىسىنى تاتىلىماق. گەپ-سۆز، ئىش-ھەركەتنى جايىدا قىلالماسلىق.
تىغقا قان تەككۈزمەيلا؛ قان تۆكمەيلا.
تىغ كۆتۈرۈشۈپ؛ مەسىلىنى ئۇرۇش بىلەن ھەل قىلماق.
تىغ ئۈستىدىكى ھەسەلنى يالىما.
تىقما-تىقماق؛ مىغ-مىغ؛ قىستا-قىستاڭ.
تىكەن سانجىلغاندەك بولماق؛ قاتتىق بىئارام بولماق؛ كۆڭۈل پەرىشان بولماق؛ ئېسەنگىرەپ قالماق.
تىكەن ئۇستىدە ئولتۇرغاندەك؛ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك؛ كۆڭۈل پەرىشان بولماق.
تىك تاغ-ئوت دېڭىز؛ خەتەرلىك جاي.
تىك داۋان، خەتەرلىك كېچىلەردىن ئۆتمەك.
تىكىشى توختىماسلىق؛ تۇتامى يوق.
تىكىنىدىن قورقىمىغان ئادەم گۈل قىسالايدۇ.
تىك يار-چوڭقۇر ھاڭ.
تىلەمچىلىك قىلمىغان ئادەم، ئىتنىڭ غالجىرلىقىنى بىلمەس.
تىل چاينىماق؛ گەپ يورغىلاتماق؛ گەپ قاچۇرماق.
تىل-دىلنىڭ ئىپادىسى؛ سۆز-يۈرەكنىڭ ساداسى.
تىلسىمنىڭ تىلىنى تاپماق.
تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق؛ ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى يوق.
تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىمەك؛ تىللاردا داستان قىلغۇدەك.
تىللاشقاندا گەپنىڭ ياخشىسى چىقماس، مۇشتلاشقاندا مۇشتنىڭ يۇمشىقى تەگمەس.