ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تۈز ئادەمنىڭ ئۈلپىتى تولا،تۈز يولدا يولۇچى تولا.
تۈزەلگەن بالا ئالتۇندىن ئەلا.
تۈزەلگەن بالا ئالتۇندىن قىممەت.
تۈز سىزغۇچ بىلەن ئەگرى سىزىقنىڭ ئۆلچىگىلى بولماس.
تۈز گەپ بالا تېرىيدۇ؛ راست گەپ قىلىپ ئۆزىگە بالا تېپىۋالماق.
تۈزلا بايان قىلماق؛ توغرىدىن-توغرا بايان قىلماق؛ پوسكاللىسىنى ئېيتماق.
تۈزلىگىلى بولمايدىغان ئارغامچا يوق.
تۈزۈت قىلماق؛ تېزىقىماق؛ نازلانماق؛ ياق-ياق دەپ، موك-موك سوقماق؛ تەستىرەك ماقۇل بولماق
تۈزىگىنىنىڭ تايىنى يوق، بۇزغىنىنىڭسانى (يوق)؛ ئوڭشىغىنىدىن بۇزغىنى جېق؛ قىلغان ئىشىدىن كاشىلىسى تولا.
تۈز ياغاچنىڭ خېرىدارى كۆپ، تۈز ئادەمنىڭ دوسىتى.
تۈكۈرسە يەرگە مۇز بولۇپ چۈشمەك؛ قەھرىتان سوغۇق.
تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ؛ بولغۇلۇق بولۇپ بولماق.
تۈكۈرۈۋەتكەن تۈكۈرۈكنى ئېغىزغا ئالغىلى بولماس.
تۈگەپ قالغان شامنىڭ ئاخىرقى يورۇقىدەك؛ كۈن پېتىش ئالدىدىكى ئەكس نۇر؛ ئۆلۈم ئالدىدىكى جانلىنىش.
تۈگمىدەك كاماردىن تۆگىدەك سوغۇق كىرىدۇ.
تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قاپتۇ.
تۈگۈلۈپ قالماق؛ دۈگدەيمەك. قورۇنماق؛ ھېيقماق؛ تارتىنماق.
تۈگىمەس بالايىئاپەت كەكتۈرمەك.
تۈلكە باشقا يېرىنى يوشۇرالىسىمۇ قۇيرۇقىنى يوشۇرالماپتۇ.
تۈلكىنى كۆرەڭلەتكەن يولۋاسنىڭ ھەيۋىسى؛ يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن تۈلكە نەپ ئاپتۇ؛ غوجامنىڭ تايىقى بىلەن باشقىلارنى قورقۇتماق.