ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تېنى جۇغۇلداپ كەتمەك؛ بەدىنى شۈركۈنمەك.
تېۋىپ كېسەلدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ.
تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ئۆتمەك.
تىت-تىت بولماق؛ بىئارام بولماق.
تىت-تىت بولماق. خوشلۇقتىن خۇدىنى يوقىتىپ قويماق.
تىترىمەك؛ دىر-دىر تىترىمەك. ئىھتىياتچانلىق بىلەن.
تىتما-تىتما بولۇپ كەتمەك؛ تىلىم-تىلىم بولۇپ كەتمەك؛ بەدەننىڭ ساق يېرى قالماسلىق.
تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدىمەك.
تىرناق ئاستىدىن كىرى ئىزدەپتۇ.
تىرىپىرەن بولۇپ قاچماق؛ پاتپاراق بولۇپ كەتمەك.
تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادىچىللىق نىلەن ئوقۇماق؛ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇماق.
تىرىشچانلىق پەمسىزلىكنىڭ يامىقى؛ تىرىشچانلىق نىلىم-سەۋىيە جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى تۈگىتەلەيدۇ.
تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچىل بولماق؛ ئىشچانلىق ۋە ئىقتىسادچىللىق.
تىرىشچان؛ ئىجتىھاتچان؛ تىرىشقاق.
تىرىشقان كامال تاپار، تىرىشمىغان زاۋال تاپار.
تىرىشمايدىغان؛ نادان؛ ھەممىدىن خەۋەرسىز.
تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلىمەك؛ ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشماق.
تىرىك جەسەت؛ تىرىك مۇردا؛ تىرىكتاپ؛ نان قېپى؛ بىكار تەلەپ.
تىرىككە ئۆي، ئۆلۈككە گۆر چىقىدۇ.
تىز پۈكمەسلىك؛ باش ئەگمەسلىك.