ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تۆمۈر داچەنگە تۇچ بىلەزۈك ئاپتۇ.
تۆھپە يارتىپ نام قازانماق.
تۆھپىسى سەۋەنلىكىدىن چوڭ؛ ساۋابى گۇناھىدىن ئارتۇق.
تۆھپىسىگە قاراپ مۇكاپات بەرمەك.
تۆھمەت چاپلاۋېرىپ ، ئادەمنى كاردىن چىقارماق.
تۈپتىن ھەل قىلماق؛ تۈپتىن ياخشىلىماق؛ تۈپ-يىلتىزىدىن تۈزەتمەك.
تۈپ مەنبەسىنى تاپماق؛ ئۈجۈر-بۈجۈرىغىچە سۈرۈشتۈرمەك. تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەك.
تۈتۈنى كۆپ ئوتنىڭ يالقۇنى ئاز.
تۈجۈپلىشتىن ماھىر ئۇستا چىقار.
تۈرلۈك چارە-تەدبىر. مىڭ بىر ھىيلە-مىكىر.
تۈرلۈك خىياللارغا چۆممەك؛ كۆڭلىدىن ھەرخىل ئىشلار كەچمەك.
تۈرلۈك دىنى مەزھەبلەر؛خىلمۇخىل ئىلىم ئېقىملىرى؛ ھەر ساھە-ھەر كەسىپتىكىلەر. ئۈچ مەسلەك؛ توققۇز ئېقىم.
تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭمەك.
تۈرلۈك ئىلىم ئېقىملىرى؛ ھەرخىل تەلىمات.
تۈرمىگە كىرىپ قالماق؛ قاماققا چۈشۈپ قالماق.