ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تۈمەن تۇلپار بەيگىگە چۈشمەك؛ ھەممە قاينام-تاشقىنلىققا چۆممەك.
تۈننى كۈنگە ئۇلىماق؛ چىراغ يېقىپ كېچىچە ئوقڭماق (ئىشلىمەك) .
تۈن ئۇزاق بولسا چۈش كۆپ بولۇر،ئىش كېچىكسە كاشلا كۆپ بولۇر.
تۈن ئۇزۇن بولسا چۈش كۆپ بولىدۇ؛ كېچىككەن ئىشلار بۇزۇلار.
تۈنۈگۈنكىدەكلا ئەستە تۇرماق؛ ھېلىمۇ يادىدا تۇرماق.
تۈنۈگۈنكىنى ئەسلەپ، بۈگۈنكىگە شۈكۈر قىلماق.
تۈن يېرىمى؛ تۈن نىسپى؛ يېرىم كېچە.
تېپىلغۇسىز؛ ئارزۇلۇق؛ قىممەتلىك.
تېپىلماس گۆھەر؛ قىممەتلىك بايلىق؛ ئاجايىپ ئېسىل بۇيۇملار.
تېپىلماسنىڭ خورمىسى؛ ئەنقا تۇخۇمى؛ تۇتىيا.
تېتىقسىز گەپ يىراققا تارقالماس؛ ناچار ئەسەر كەڭ تارقالماس.
تېتىقسىز؛ مەززىسىز؛ لاۋزا.
تېتىقسىز؛ مەززىسى يوق؛ قىزىقى يوق.
تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەك؛ تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلمەك.
تېخىمۇ ئەدەپ كەتمەك؛ بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كەتمەك؛ تېخىمۇ ئەشەددىيلىشىپ كەتمەك. كۆپىنچە شەكلىدە ئىشلىتىلىدۇ.
تېخىمۇ ئۇلغايتماق؛ يەنىمۇ چوڭايتماق؛ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماق.
تېرە بولمىسا، تۈك نەدە تۇرىدۇ (ئۆسىدۇ).
تېرىقچىلىك بىر تال قۇرت يوغان تېرەكنىمۇ يەپ پور قىلىۋېتەلەيدۇ.