ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تېرىقچىلىك قۇرتمۇ يوغان خانى يەپ چىرىتەلەيدۇ.
تېرىماي-يىغماي.
تېز چاپماق؛ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەك.
تېز؛ چەبدەس؛ ھەرىكىتى تېز؛ ئۈزۈلدۈرمەي.
تېزدىن قوغلاپ يېتىشىۋالماق؛ شىددەت بىلەن قوغلاپ يەتمەك.
تېز قىلغان ئىش ساختا بولۇر، ئاستا قىلغان ئىش پۇختا بولۇر.
تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز ھەل قىلماق؛ تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز غەلبە قىلماق؛ ئىشنى تېز ئىشلەپ، تېز پۈتتۈرۈۋەتمەڭ.
تېز يۈگۈرمەك؛ ئىتتىك ماڭماق؛ ئۇچقاندەك ماڭماق.
تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال.
تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال؛ كۈرۈنۈشتە كۈچلۈك، ئەمەلىيەتتە ئاجىز.
تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال؛ ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق؛ چېچىكى جىق، مېۋىسى يوق.
تېشى ساز، ئىچ ماز؛ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال.
تېشى ساز، ئىچى ماز؛ تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال؛ قۇرۇق سۆلەت.
تېگىپ كەتسىلا پارتلاپ كەتمەك؛ قىل ئۈستىدە تۇرماق.
تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا؛ ئاخىرقى ھېسابتا.
تېگى-تەكتىگە يەتمەك؛ ئۇجۈر-بۈجۇرىغىچە سۈرۈشتۈرمەك
تېگى-تەكتىگە يېتەلمەسلىك؛ چۈشىنىپ بولماسلىق؛ تېگىگە يەتكىلى بولماسلىق.
تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرمەك؛ ئۇجۇر-بۇجۇرىنى سۈرۈشتۈرمەك.
تېڭى بار، تېڭى يوق؛ يېرىم-يارتا.
تېڭى بار، تېڭى يوق؛ يېرىم-يارتا. مۇ دېيىلىدۇ.