ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تۇمانلىق دېڭىزغا كىرىپ قالغاندەك؛ ئىس-تۈتەك ئىچىدە قالغاندەك.
تۇمشۇقىغا يېمىگۈچە، بۇرنىغا سۇ كىرمەس.
تۇنجى قەدىمىڭ ئاستا بولسا، كېيىنكى قەدەمدە يېتىشەلمەيسەن.
تۇنجى قېتىم؛ مىسلى كۆرۈلمىگەن؛ كۆرۈلۈپ باقمىغان؛ بۇرۇن بولۇپ باقمىغان.
تۇيمايلا؛ بىلەر-بىلمەيلا؛ ئاڭسىز ھالدا.
تۇيۇقسىز؛ تۇساتتىن؛ ئۇشتۇمتۇت؛ بىردىنلا.
تۇيۇقسىز چاقماق چاققاندەك؛ ئۇشتۇمتۇت زور ئۆزگىرىش بولماق.
تۇيۇقسىز ئۈستىگە كىلىپ قىلماق؛ ئۈلگۈرەلمەي قالماق.
تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماق؛ ھالاكەت يولىغا كىرىپ قالماق؛ زاۋالغا يۈز تۇتماق.
تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماق؛ ھېچقانداق يول تاپالماي قالماق؛ ئىككى پۇتى بىر ئۈتۈككە تىقىلماق.
تۆت ئەتراپنى چۇ بەگلىكىنىڭ داقا-دۇمباقلىرى قاپلاپ كەتمەك؛ مۇھاسىرە ئىچىدە قالماق؛ مۇشكۈل ئەھۋالدا قالماق.
تۆت-بەش يىل؛ بىر نەچچە يىل.
تۆت بۇلۇڭ-بىر كۇلۇڭ؛ گاڭسا-جىسا بولۇپ قالماق؛تۆت تامدىن باشقا ھېچنىمىسى بولماسلىق.
تۆت كۆز بىلەن كۈتمەك؛ ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەك؛ يولىغا قاراپ كۆزى تېشىلمەك؛ يولىغا قاراپ كۆزى تۆت بولماق؛
تۆرىلەرچە ياسىنىۋالماق؛ پۇزۇر كىيىنمەك.
تۆشۈك مۇنچاق يەردە ياتماس. يەردە ياتمسا توپا باسماس.
تۆگە باققان ئادەمگە كالىننىڭ چوڭلۇقى بىلىنمەپتۇ.
تۆگىگە مىنىۋېلىپ تۆگە ئىزدىمەك؛ ئاستىدىكى ئېتىنى ئالتە ئاي ئىزدىمەك.
تۆگىنى چۆچەك بىلەن سۇغارغىلى بولماس.
تۆگىنىڭ قۇيرۇقى بولغىچە، خورازنىڭ تاجىسى بول.