ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
توشقان تۈگىدى دەپ، تايغاننى ئۆلتۈرۈپ يېمەك؛ ئېشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتكۈچە.
توشقاننى كۆرمەي، قارچىغىنى سالما.
توغاننىڭ يار ئېلىپ كېتىشگە يىڭنە تۆشۈكىدەك كامار سەۋەب بولۇر.
توغرا كەسىپ بىەلن شۇغۇللانماسلىق؛ ئۆز كەسپى بىلەن شۇغۇللانماسلىق.
توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالسا، ناچار كەيپىيات بازار تاپالماس.
توغرا ۋە چوڭقۇر چۈشەنچە؛ توغرا، ئېنىق كۆز قاراش.
توغرىدەك بولسىمۇ، ئەمىلىيەتتە خاتا بولماق؛ توغرىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ناتوغرا.
توغرىدىن-توغرا؛ ئوچۇقتىن-ئوچۇق؛ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل.
توغقانى تاشلىساڭ يات بولار، تۆمۈرنى تاشلىساڭ دات (بولۇر).
توققۇزى تەل؛ نېمە دېسە شۇ تەييار؛ ھەممىسى تولۇق.
توكۇر تاشپاقىمۇ مىڭ يول باسار؛ تىرىشچان ئوزار.
تولا ئاڭلاپ ياد بولۇپ كەتمەك.
تولا توخۇ ئوغرىلىغان تۈلكىنىڭ كۆزىنى بىر كۈنى توخۇ چۇقۇلار.
تولا كۈلگەندىن پەخەس بول.
تولا كېسەل بولغان كىشى تىۋىپ بولار؛ ئۈچ قوي سويغان قاسساپ بوپتۇ.
تولا گەپ كېتىشكە بولماسلىق؛ ئارتۇقچە ئەيىبلەپ كېيىشكە بولماسلىق؛ تامامەن ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولماسلىق.
تولا گەپنىڭ لازىمى يوق؛ ئوشۇقچە گەپ ھاجەتسىز.
تولا مىياڭلىغان مۈشۈك چاشقان تۇتالماس.
تولا ئوقۇپ كىتابنى ئۇپرىتىۋەتمەك؛ تىرىشىپ كىتاب ئوقۇماق.