ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
توخۇ ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۇرنىدەك؛ ئۆچكە ئارىسىغا كىرىپ قالغان تۆگىدەك؛ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرماق.
توخۇ پېيى ئاسمانغا چىقالماس.
توخۇ پېيى بىلەن داڭ ئۇرسا ئاۋاز چىماس.
توخۇ سوقۇشتۇرۇپ، ئىت تالاشتۇرۇپ يۈرمەك.
توخۇ كۆپ يەردە پوق تولا، ئادەم كۆپ يەردە گەپ (تولا).
توخۇنى تۇتۇش ئۈچۈنمۇ ئىككى چاڭگال دان كېتىدۇ.
توخۇنى تۈلكىگە ساقلاتما، قوزىنى بۆرىگە ساقلاتما.
توخۇنى قانچە كۆپ باقساڭ، تۇخۇمۇڭ شۇنچە كۆپ بولۇر.
توخۇنىڭ غايىسىنى بىر چاڭگال دان.
توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، تۇخۇمىنى ئالماق؛ تۇخۇمىنى دەپ، توخۇنى ئۆلتۈرمەك.
توخۇ ئۇچتى ، تۇخۇم سۇندى؛ ئۇمۇ يوق، بۇمۇ يوق؛ ھەممىدىن قۇرۇق قالماق.
توخۇ ئۆلتۈرۈپ مايمۇننى قورقۇتماق؛ بىر ئادەمنى جازالاپ مىڭغا ئىبرەت قىلماق.
توخۇ يۈرەك؛ قورقۇنچاق.
توردىن چۈشۈپ قالغان بېلىق.
تورغا چۈشكەن بېلىقتەك كۈنى ئاز قالماق؛ ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلماق.
تورنىڭ بىر يېقىنى ئېچىپ ھايات يولى بەرمەك.
تورۇسى پەس ئۆيدە كىممۇ باش ئەگىمىسۇن.
توسالغۇسىز ئىلگىرلىمەك.
توسالغۇلارنى بۆسۈپ تاشلىماق؛ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭمەك.
توسقىلى بولماسلىق. توسالغۇسىز.