ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تولۇپ تاشقان قىزغىنلق.
تولۇپ-تاشقان ئىپتىخارلار.
تولۇپ تاشقان ئىشەنچ؛ ئىشەنچكە تولۇپ تاشقان.
تولۇق ئۆزلەشتۈرمەك؛ ئەتراپلىق ئىگىلمەك.
تولىمۇ چاكىنا؛ بەكمۇ تېتىقسىز.
تولىمۇ ۋەھشىي؛ بەكمۇ ياۋۇز.
تومۇرداشلىق؛ تومۇرى بىر؛ نەسىلداشلىق؛ يىلتىزداشلىق.
تويغان ۋاقىتىدا ئاچ قالغىنىڭنى ئۇنتۇما، كىيگەن ۋاقتىڭدا يالىڭاچ قالغىنىڭنى (ئۇنتۇما).
تويغان ۋاقىتىڭدا ئاچ قالغىنىڭنى ئۇنتۇما.
تويماس؛ نەپسى يامان؛ ئاچكۆز.
تويماس؛ ئوپقان؛ نەپىسى يامان؛ قارنى يامان؛ ئاچكۆز.
تۇتامى يوق؛ تۇتۇرۇقسىز؛ تايىنى يوق؛ خىيالى.
تۇتامى يوق؛ تۇتۇرۇقسىز؛ ئۆزگىرىشچان.
تۇتۇرۇقسىز؛ باش ئايىغى يوق.
تۇتۇرۇقسىز گەپ؛ ئاساسسىزگەپ؛ بىمەنە سەپسەتە.
تۇتۇرۇقسىزلىق؛ تۇراقسىزلىق. قۇۋلۇق-شۇملۇق؛ ھىلىيگەرلىك.
تۇتى قۇشى دورامچىلىق قىلغاندەك؛ دورامچىلىق قىلماق.
تۇخۇمدا چاك بولمىسا چىۋىن قونماس.
تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگىلى بولاس.
تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك؛ ئويدۇرۇپ چىقارماق؛ ئىغۋا تېرىپ ئىش تاپماق.