ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تەھدىت سېلىپ تارتىۋالماق؛ قاقتى-سوقتى قىلماق.
تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت تۇرماق؛ تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرماق .
تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر؛ قەدىرلىك.
تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر؛ قەدىرلىك، ھاڭگىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز.
تەيگوڭ قارماق تاشلاپتۇ، مەيلى بار بېلىق ئىلىنسۇن دەپ؛ قىلتاققا چۈشۈشنى خالىغىنىڭ كېلىپ چۈشۈۋەر؛ ئۆزئايىغى بىلەن قىلتاققا چۈشمەك. ؟ۋۇ ۋاڭنىڭ جۇ ۋاڭغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلغانلىقى ھەققىدە قىسسە؟ دە مۇنداق دېيىلگەن: جياڭ تەيگوڭ ۋېيشۈي دەرياسىنىڭ بويىدا قۇرۇق
تەييارتاپ مۈشۈك چاشقان تۇتالماس.
تەييارغا ھەييار بولماق؛ باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە شېرىك بولماق.
تەييارلىق بار يەردە بالا-قازا يوق.
تەييارلىق بار يەردە بالا يوق؛ تەييارلىق بولسا ئاپەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ سۇ كەلگۈچە توغان تۇت؛ تۇلۇق تەييارلىق قىلىپ قويماق.
تەييارلىقسىز تۇرغاندا ھۇجۇم قىلماق؛ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماق
تەييارلىقىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولۇر.
توپ-توپ بولۇپ ئېتىلماق؛ سىقىلىپ-تىقىلىپ بارماق؛ يۇپۇرۇلۇپ كەلمەك.
توپتوغرا بۆسۈپ كىرمەك. توپتوغرىسىنى ئېيتماق؛ پوسكاللىسىنى ئېيتماق؛ گەپنىڭ ئۇچۇقىنى قىلماق.
توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەيدۇ.
توپىلاڭدا توقاچ ئوغرىلىماق.
توختام سۇ؛ ئۆلۈك سۇ.
توختىتاي دېسىمۇ توختىيالماسلىق؛ ئىختىيارى ئۆزىدە بولماي قالماق.
توختىماي ئالغا باسماق؛ ئېغىشماي ئالغا باسماق؛ جاسارەت بىلەن ئىنتىلمەك.
توختىماي ئىگىرلىمەك؛ توپتوغرا بېسىپ كىرمەك؛ ئۇدۇل بۆسۈپ كىرمەك؛توسالغۇسىز ئىلگىرىلىمەك.
توختىماي ئىلگىرىلىمەك؛ بوشاشماي ئالغا باسماق.