ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تۇخۇمدىن ئۇستىخان ئىزدىمەك؛ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەك؛ پاچاقچىلىق قىلماق.
تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق.
تۇخۇمنى دەستىلەپ تىزىپ قويغاندەك؛ قىل ئۈستىدە تۇرماق؛ ئىنتايىن خەۋپلىك ئەھۋالدا قالماق.
تۇخۇنى باغلىغۇچىلىك مادار؛ كۈچسىز؛ ئاجىز
تۇرقى ئىنسان، قىلىقى ھايۋان؛ ئادەم سۈرەتلىك ھايۋان.
تۇرقى ئىنسان، قىلىقى ھايۋان؛ ئادەم قىياپەتلىك ھايۋان؛ ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان يالماۋۇز.
تۇرمۇشتا ئىنىچكە ھېساب-كىتاب قىلمىساڭ، ئۆمۈر بويى گاداي ئۆتىسەن.
تۇرنىنىڭ مەكتۇپ يەتكۈزۈشى.
تۇشمۇ تۇشتا ئۇرۇش قىلماق؛ ئۇياق-بۇياقلاردا نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلماق.
تۇغ-ئەلەم، داقا-دۇمباقلىرىنى قايتىدىن راسلىماق؛ قانات-قۇيرۇقىنى رۇسلىماق؛ ئۆزىنى ئوڭشىۋالماق.
تۇغقاننى تاشلىساڭ يات بولۇر، تۆمۈرنى تاشلىساڭ دات (بولۇر)،
تۇغ كۆتۈرۈپ چىقماق؛ سەپ تارتىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرمەك.
تۇغما زەئىپلىك؛ تەبىئىي ئاجىزلىق؛ ئاساسى ئاجىزلىق.
تۇغۇت ئازابىنى ئانا بىلەر.
تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر.
تۇغۇلمىغان بولساڭ ئۆلمەيتتىڭ.
تۇغۇلمىغان موزايغا قوزۇق قاققىلى بولماس
تۇقۇنۇشتۇرۇپ قويماسلىق؛ بىر-بىرىگە دەخلى قىلماسلىق.
تۇلپارغا قامچا ئۇرماق؛ سۈرئەتنى تېخىمۇ تېزلەتمەك.
تۇلپار يايلاقتا يېتىلەر، قارىغاي ئېگىز تاغدا.