ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تەلەپچان ئۇستازدىن ماھارەتلىك شاگىرىت چىقار.
تەلەپچان ئۇستازدىن ماھىر شاگىرىت چىقار.
تەلۋىلىك قىلماق؛ ھېچنېمىدىن تەپ تارتماستىن يامان ئىش قىلماق.
تەلىم بېرىش ئۈچۈن تەلىم ئال.
تەمبەل؛ تىمەن؛ بەردەم.
تەمتىرەپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالماق.
تەمكىن ئادەم ئەسكىنىڭ كەينىگە كىرمەس
تەمكىن سۆزلىمەك؛ ئالدىرىماق، نېنىمەي گەپ قىلماق.
تەمكىنىلىك بىلەن قوماندانلىق قىلماق؛ بىمالال قوماندانلىق قىلماق.
تەمىنلەش تەلەپتىن ئېشىپ كەتمەك.
تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالماسلىق.
تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر.
تەمىنى بىلەي دېسەڭ تېتىپ كۆر، ئېپىنى بىلەي دېسەك ئېتىپ كۆر.
تەن بەرمەك؛ قايىل بولماق؛ قول قويماق.
تەندىكى سۆگەل، ئېتىزدىكى يۆگەي؛ ئارتۇقچە نەرسە؛ ھاجەتسىز نەرسە.
تەنھا ئۇرۇش قىلماق؛ ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلماق.
تەنھا-ياردەمچىسىز قالماق؛ يار-يۆلەكسىز قالماق.
تەنھا؛ يەككە-يىگانە؛ ياغۇز؛ بىرلا ئۆزى.
تەنھا يولۋاس بۆرە توپىغا چېقىلالماس.
تەھتىت ئالدىدا تىز پۈكمەسلىك؛ زوراۋانلىق ئالدىدا تەسلىم بولماسلىق؛ زورلۇق كۈچكە باش ئەگمەسلىك.