ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پۈتۈن بەدىنى يارىلانماق؛بەدىنىنىڭ ساق يېرى قالماسلىق.
پۈتۈن جاھان بىردەك تەبرىكلىمەك؛ پۈتۈن خەلق بىردەك تەنتەنە قىلماق.
پۈتۈن دىققەت-ئېتىبارى بىلەن بېرىلمەك؛ پۈتۈن زېھنىنى قويماق.
پۈتۈن دىققىتىنى توپلىماق؛ پۈتۈن ئوي-پىكىرىنى مەركەزلەشتۈرمەك.
پۈتۈن زېھنى بىلەن؛ پىكىر-زېھنىنى يىغىپ.
پۈتۈن زېھنىنى ئىشقا سالماق؛ قاتتىق باشقا تۇرماق.
پۈتۈن قەلب خۇشاللىققا تولماق؛ خۇشاللىقى تولۇپ تاشماق.
پۈتۈن قوشۇن ھالاك بولماق؛ پۈتۈنلەي گۇم بولماق.
پۈتۈن كۆڭلى بىلەن؛ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن؛ چىن قەلبىدىن؛ يەكدىللىك بىلەن؛ بەجانىدىل.
پۈتۈن كۈچ بىلەن؛ كۈچنى ئايىماي.
پۈتۈن كۈچى ۋە پۈتۈن ھاياتىنى ئايىماسلىق؛ ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگە قەدەر بەجاندىل ئىشلىمەك.
پۈتۈنلەي ئاشكارا بولماق؛ ھېچنېمىسى قالماي ئېچىلىپ قالماق.
پۈتۈنلەي بۆلەكچە بولۇپ كەتمەك؛ پۈتۈنلەي باشقا بىر تۈسكە كىرىپ قالماق.
پۈتۈنلەي خاتا؛ پەقەت ئۇنداق ئەمەس.
پۈتۈنلەي گۇم بولماق؛ پۈتۈنلەي بەربات بولماق؛ تارمار بولماق؛ ئۇرۇشتىن بىرلەشكەرمۇ ئامان قايتىپ كەلمەسلىك.
پۈتۈنلەي ھالىدىن كەتمەك؛ كۈچ-مادارى قالماسلىق.
پۈتۈنلەي يوققا چىقارماق؛ ھەممىنى ئىنكار قىلىۋەتمەك؛ بىر تىيىن قىلىۋەتمەك؛ پۈتۈنلەي كۆز يۇمماق.
پۈتۈن مەملىكەت بويىچە؛ ئەل-يۈرتنىڭ ھەممىسى.