ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پىل چىشىنىڭ قىممەت باھالىقلىقى ئۆزىگە بالا.
پىلدەك كېمىرىپ يېمەك، لەھەڭدەك يۇتماق؛ غاجاپ-يالماپ.
پىلىك سالمىسا چىراغ كۆيمەيدۇ.
تاپە-تەنە قىلماق؛ سېسىق گەپ قىلماق.
تاپقان-تەرگىنىدىن ئايرىلماق؛ توزۇپ سورۇلۇپ كەتمەك؛ خانىۋەيران بولماق.
تاپقا ئولاشقان قاغىدەك؛ گەندىگە ئولاشقان چىۋىندەك.
تاتلىق گەپلەر؛ شېرىن-شېكەر سۆزلەر؛ چىرايلىق سۆزلەر.
تاتلىق يېمەكلىك چىشنى بوشىتىدۇ، تاتلىق گەپ-سۆز ئىرادىنى بوشىتىدۇ.
تاج ۋە زەرگون (ئېسىلزادە ئاياللارنىڭ ھەشەمەتلىك كىيىملىرىنى كۆرسىتىدۇ) .
تاختىبېشىغا ئېلىپ قويماق؛ ئىشلەتمەي تاشلاپ قويماق.
تارام-تارام دەريالار دېڭىزغا قۇيۇلار.
تار قاراش؛ يۈزە قاراش.
تار ئۈزۈلسە تار تېپىلار، يۈرەك زىدە بولسا داۋا تېپىلماس.
تار ۋە يۈزەكى چۈشەنچە.
تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن؛ بۇرۇن بولۇپ باقمىغان.
تار يولدا دوقۇرشۇپ قالماق؛ تار يولدا ئۇچۇرشۇپ قالماق؛ رەقىبلەرگە كەڭ زىمىنمۇ تار كىلىدۇ.
تار، يۈزە قاراش.
تازا باش قاتۇرماق؛ كۆپ كۈچ سەرپ قىلماق؛ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈرمەك؛ كۆيۈپ پىشماق.
تازا پۇخادىن چىقماق.
تازا رەسۋاسى چىقماق؛ سېسىق نامى پۇر كەتمەك.