ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پۇل بولسىمۇ يازدا قار سېتىۋالغلى بولماس.
پۇل-پۇلى جىقلارغا تاتلىق.
پۇل تىكىشنى خالىساڭ، جان تىكىدىغان ئادەم بار.
پۇل خەجلىمەك ئاسان، يىغىماق تەس.
پۇل دېسە جان بەرمەك؛ پۇل-مالنى جاندىن ئەزىزكۆرمەك
پۇلغا ياشلىقىنى سېتىۋالغىلى بولماس.
پۇللا بولسا ھەممە ئىش قاملىشىدۇ.
پۇلنى پاخالدە خەجلىمەك؛ پۇلنى بۇزۇپ چاچماق؛ پۇلنى شامالغا سورۇماق.
پۇلنى دەپ جانغا زامىن بولماق؛ پۇل ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرمەك.
پۇلنى كۆرسە، شەيتانمۇ ئۇسسۇلغا چۈشۈپتۇ.
پۇلنى كۆرسە قارىغۇنىڭمۇ كۆزى ئېچىلۇر.
پۇلنى كۆرۈپ، نىيىتىنى بۇزماق؛ پۇلنى كۆرۈپ نىيىتى بۇزۇلماق.
پۇلى بارغا بازار، پۇلى يوققا مازا.
پۇلى بارغا خۇش چىراي، پۇلى يوققا مۇز چىراي؛ ھوقۇقى بارغا خوش-خوش، ھوقۇقى يوققا پوش-پوش؛ پۇلى بارغا ئەسسالام، پۇلى يوققا ۋەسسالام.
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
پۇلى بولسا ئوغرىمۇ غوجام، پۇلى بولمىسا غوجاممۇ ئوغرى.
پۈتمەس-پۈگىمەس.
پۈتمەس-تۈگىمەس؛ ئاخىرى يوق.
پۈتمەس-تۈگىمەس ئالۋان-ياساق.
پۈتۈن ئەس يادى بىلەن؛ جان-جەھلى بىلەن.