ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تازا رەسۋاسى چىقماق؛ ئىنتايىن پەرىشان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق؛ ئىككى پۈتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ قالماق.
تاز تۇمىقىنى چۆكۈرۈپ كىيەر.
تازنىڭ قېشىدا چاقىنىڭ گېپىنى (قىلما)، قارغۇنىڭ قېشىدا چىراغنىڭ گېپىنى قىلما.
تاساددىبىي ئېھتىياج؛ كۈتۈلمىگەن ئېھتىياج.
تاساددىپىي تونۇشۇپ قالماق.
تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالماق؛ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يۇلۇقۇپ قالماق.
تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالماق؛ تۇيۇقسىز يولۇقۇپ قالماق.
تاشلىنىپ قالغان ئىشلارنى قايتىدىن يولغا قويماق.
تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولماس.
تاشنى كۆتۈرۈپ ئۆزپۇتىغا ئۇرماق؛ ئۆزپۇتىغا ئۆزى پالتا چاپماق.
تاشنى گۆھەر قىلىپ قويماق؛ مىسنى ئالتۇن قىلىۋەتمەك؛ ناچار ماقالىنى تۈزىتىپ ياخشى قىلىۋەتمەك .
(تاشنىمۇ ئىرىتىۋەتمەك (سەمىمىي، تەسىرلىك نەسىھەتكە قارىتلىدۇ
تاغار كۆتۈرمىگەن ئېغىرلىقنى بىلمەس، سەپەرگە چىقمىغان يول ئازابىنى بىلمەس
تاغ-دالىنى قاپلىماق؛ ھەممىلا يەرنى قاپلىماق؛ ھەممە يەرگە يامراپ كەتمەك.
تاغدا ئولتۇرۇپ يولۋاسنىڭ ئېلىشىشىنى تاماشا قىلماق؛ ئىككى تەرەپ ئېلىشىپ ھالىدىن كەتكەندە ئارىدن نەپ ئالماق.
تاغدا ياشىساڭ تاغقا تايان، باغدا ياشىساڭ باغقا (تايان)
تاغدا ياشىغان تاغقا ھېرىسمەن، باغدا ياشىغان باغقا ھېرىسمەن.