ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پۈتۈننى پارچە قىلماق؛ پۈتۈننى پارچىلىماق.
پۈتۈن ۋۇجۇدى جاسارەتكە تولماق.
پۈۋ دېسە ئۈچۈپ كېتىدىغاندەك.
پېشانىگە پۈتۈلگەن ئىش؛ تەلەيگە باغلىق.
پېلەكنى تۇتۇپ قوغۇن ئىزدىمەك؛ يىپ ئۇچى بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ تاپماق؛ ئىز-دېرىكى بويىچە تەكشۈرۈپ تاپماق.
پىتتىن پوستۇما ئالىدىغان؛ بىر تىيىننىڭ ئۈستىدە تىك تۇرىدىغان؛ ئۆلتۈرسىمۇ بىر تېمىم قان چىقمايدىغان؛ تازا بېخىل؛ بەك پىخسىق.
پىتراپ كەتمەك؛ تىرىپىرەن بولماق.
پىتنە-پاسات تېرىپ كىشىلەرنى ئازدۇرماق؛ ئىغۋا تارقىتىپ ئاممىنى قايمۇقتۇرماق.
پىتنە-پاسات گەپلەر؛ ئۆسەك سۆزلەر.
پىتنە-پاساتنىڭ پۇتى قىسقا، يولسىزنىڭ تىلى قىسقا.
پىتنە كۆپ بولسا، ئوڭمۇ تەتۈر بولىدۇ.
پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ جېدەل تېرىماق.
پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرماق.
پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ.
پىتىراپ كەتكەن ئەسكەرلەر.
پىچاق بىلەشكە مۇھتاج، ئادەم تاۋلىنىشقا (مۇھتاج).
پىچاقنىڭ ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە.
پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا باشقىلارغا.
پىچاق ئۆتمسە گۆشتىن كۆرپتۇ.