ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
تاغدا يولۋاس بولمىسا، مايمۇن پادىشاھ بوپتۇ.
تاغ-دەريانى ئۆزگەرتمەك ئاسان، مىجەزنى ئۆزگەرتمەك تەس؛ قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار.
تاغدەك بۈيۈك، دېڭىزدەك چوڭقۇر. چوڭقۇر مېھر-شەپقەت.
تاغدەك ئوزۇن ئۆمۈر كۆرمەك؛ ئۇزاق ياشىماق.
تاغ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ياسالغان ئېسىل يېمەكلىكلەر.
تاغدىكى دەرەخلەرنىڭ يىلتىزى تۇتاش، كەمبەغەل كەمبەغەل بىلەن قەلىبداش.
تاغدىن-باغدىن سۆزلىمەك؛ ئاغزىغا كەلگەننى دېمەك؛ كەلسە-كەلمەس تارقاتماق.
تاغدىن-باغدىن؛ ئوڭ-تەتۈر؛ رەتسىز.
تاغدىن چۈشۈش ئاسان، تاغقا چىقىش تەس.
تاغدىن يولۋاس چىقىدۇ، يۇرتتىن دانىشمەن (چىقىدۇ)
تاغ-سۇلىرى تۇتاشماق.
تاغقا بارغان ھارۋىغا يول چىقىپتۇ؛ باشقا كەلگەندە باتۇر؛قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا ئامال تېپىلىدۇ .
تاغقا جىرىم كېرەك، ئادەمگە ئېلىم (كېرەك).
تاغقا چىقساڭ يولۋاستىن قورقما، دېڭىزغا چۈشسەڭ لەھەڭدىن (قورقما).
تاغقا چىقىپ بېلىق تۇتقىلى بولماس، دەرياغا چۈشۈپ ئوتۇن تەرگىلى (بولماس).
تاغقا كۆم، قاياشىڭغا قالدۇر ( ئۆزى قىممەتلىك ھېسابلىغان ئەسەر، ھۈنەرلىرىنى ئىشەنچىلىك يەردە ساقلاپ، كۆڭلىدىكى ئادەملىرىگە قالدۇرۇشقا تەمسىل قىلىنىدۇ ).
تاغلار گۈمۈرۈلۈپ، يەرلەر يېرىلماق. داغدۇغىلىق؛ ھەيۋەتلىك.
تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلماق.
تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت؛ مەردۇمەردانىلىك.
تاغنى تالقان قىلىدىغان جاسارەت؛ تولۇپ تاشقان غەيرەت-شىجائەت.