ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پۇرچىقى پىشماسلىق؛ بىر قازاندا قاينىماسلىق؛ زادىلا چىقىشالماسلىق.
پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىۋالماق.
پۇرسەت غەنىيمەت؛ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك.
پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلمەك؛ بوش ۋاقىتتىن (يەردىن) تولۇق پايدىلانماق؛ ھېچ يەرنى بوش قالدۇرماسلىق.
پۇرۇچنى يىغساڭ تون بولار.
پۇزۇر كىينىمەك؛ رەتلىك ۋە چىرايلىق كىيىنمەك.
پۇسەت كېتىپ قالماق؛ ئومۇمىي ۋەزىيەت ئوڭشالماس بولۇپ قالماق.
پۇشايماندىن بۇرۇن تۈزەش ئاسان، پۇشايماندىن كېيىن تۈزەش تەس
پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تاپالماسلىق؛ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەسلىك
پۇشايمان ئورنىغا كەلمەپتۇ؛ پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماسلىق.
پۇلات ئىستىھكام؛ مۇستەھكەم قۇرغان.
پۇل ئالدىدا ئېزىقما، مەنسەپ دېسە قىزىقما؛ پۇل ۋە مەنسەپ ئالدىدا ئېزىقىپ كەتمەسلىك.
پۇل بار چاغدا مىڭ دوست، پۇل يوق چاغدا قېنى دوست.
پۇل بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا.
پۇل بولسا جىننىمۇ ئۇسسۇلغا سالغىلى بولۇر.
پۇل بولسا جىننى ئۇسسۇلغا سالغىلى بولىدۇ.
پۇل بولسا، ھەممىنى قىلىغلى بولىدۇ؛ يانچۇقتا پۇل بولسا، جاڭگالدا شورپا.