ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پايدىغا تەڭ شېرىك بولماق؛ تەڭ پايدا ئالماق.
پايدىغا مەن شېرىڭ، زىيانغا سەن.
پايدىغىلا ئىنتىلمەك؛ پايدىنىلا كۆزلىمەك.
پايدىلىق گەپ قۇلاققا ياقماس؛ توغرا گەپ قۇلاققا كىرمەس.
پايدىلىق؛ نەپلىك؛ پايدا كەلتۈرىدىغان؛ نەپ چىقىدىغان؛ نەپ تېگىدىغان؛ پايدىسى تەگمەك.
پايدىلىق ئىشلارنى يولغا قويۇپ، زىيانلىق ئىشلارنى يوقاتماق.
پايدىلىنىدىغان پۇرسەت بولماق؛ پايدىلىق پۇرسەت كەلمەك.
پايدىلىنىشقا بولىدىغان پۇرسەت؛ پايدىلانغۇدەك پۇرسەت.
پەخەس بولالماسلىق؛ ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلىنالماسلىق.
پەدە يۆتكىمەك؛ تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتمەك.
پەرداز بىلەن ئوتتۇرىغا چىقماق؛ ياسىنىپ-تارىنىپ ئوتتۇرىغا چىقماق.
پەرقى چوڭ ئەمەس؛ ئانچە پەرقلەنمەسلىك.
پەرقى ناھايىتى ئېنىق؛ ئېنىق ئايرىلىپ تۇرماق؛ چېگرا ئېنىق بولماق.
پەرۋاسىز قارىماق؛ بىپەرۋا يۈرمەك؛ پىسەنت قىلماسلىق؛
پەرۋا قىلماسلىق؛ بۇرۇنقىدەكلا بىمالال تۇرماق.
پەرۋانە ئۆزىنى چىراغقا ئۇرغاندەك.