ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پوق يەپ ئۆگىنىپ قالغان ئىت، پوقنىڭ سېسىقلىقىنى بىلمەيدۇ.
پوكاندەك قىزىرىپ كەتمەك؛ قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتمەك.
پولات تاۋلاشقا باغلىق، مايسا ئوتاشقا (باغلىق).
پولاتتەك تاۋلانماق؛ ئۇزۇن چېنىقىشلاردىن ئۆتمەك.
پولاتتەك مۇستەھكەم؛ يىمىرىلمەس.
پولەتتەك پاكىتلار تاغدەك تۇرۇپتۇ؛ دەلىل-ئىسپاتلار ئېنىق.
پومېشچىك-زومىگەرلەر؛ يېزا مۇشتۇمزورلىرى
پوئېزىيەت؛ ناھايىتى گۈزەل.
پو ياغاچ تۈۋرۈك بولماس، بۇزۇق ئادەم ئۈلپەت بولماس.
پۇتنى ئات، قولنى قامچا قىلىپ ماڭماق؛ پىيادە بىمالال ماڭماق.
پۇتنى يونۇپ ئۆتۈككە سىغدۇرماق؛ نامۇۋاپىق چارە.
پۇتۇڭلا بولىدىكەن، يول چىقماي قېلىشتىن غەم قىلما.
پۇتىغا چۈشەك سېلىپ قويغاندەك ماڭالماي قالماق؛ ئىلگىرىلىمەي توختىۋالماق؛ ئالغا باسماي تۇختاپ قالماق.
پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ماڭماق؛ ماراپ-تىمىسقىلاپ ماڭماق؛ مۈشۈكتەك ماراپ ماڭماق.
پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا.
پۇختا؛ ئىنچىكە؛ ئەتراپلىق؛ تەپسىلىي.
پۇختىلىق بىلەن؛ ئەستايىدىللىق بىلەن؛ راستچىللىق بىلەن.
پۇرچاقنى پۇرچاق پېلىكىدە پىشۇرماق؛ ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇماق