ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پەرۋانىنىڭ ئۆزىنى ئوتقا ئېتىشى؛ ئۆزىنى ئوتقا تۇتۇپ بەرمەك؛ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلماق.
پەرۋىش قىلساڭ كۆچەتكە، تۈۋرۈك بولۇر ئۆيۈڭگە.
پەرىشان بولماق؛ پاراكەندە بولماق؛ پىكىرى چېچىلماق.
پەزىلەتلىك مۇيسىپىتلەر.
پەزىلەتلىك ۋە ئابرويلۇق؛ ئىززەت-ھۆرمەتلىك.
پەسىل ئادەمنى ساقلاپ تۇرماس.
پەسىل ئۆزگەرمەك؛ ۋاقىت ئۆتمەك؛ ھۈكەر يانغا ئۆتتى يازغا تەۋە، شاپاق يەرگە چۈشتى كۈزگە تەۋە.
پەشنى قېقىپ چىقىپ كەتمەك؛ پەشنى قېقىپ كېتىپ قالماق؛ غادايغان پېتى چىقىپ كەتمەك.
پەشنى قېقىپ كېتىپ قالماق.
پەقەت تىلغا ئالماسلىق.
پەلەكتىن ئاشقان غەيرەت-شىجائەت. غەزىپى قايناپ تاشماق؛ قاتتىق غەزەپلەنمەك؛ دەرغەزەپ بولماق.
پەم-پاراسەتلىك؛ تەدبىرلىك.
پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك؛ مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەسلىك.
پەيلىدىن يانماق؛ رايىدىن قايتماق.
پسەنت قىلماسلىق؛ پەرۋاسىزلىق؛ ئېرەن قىلماسلىق.
پوتا باغلىغاننىڭ ھەممىسى ئەر ئەمەس، چاچ تارىغاننىڭ ھەممىسى خوتۇن (ئەمەس).
پور كۆتەكنى يارغاندەك؛ ئەسكى تامنى ئۆرۈگەندەك ئاسان ئۆرۈۋەتمەك.
پوس كاللىسىنى ئېيتماق؛ ئوچۇقىنى دېمەك نەق جايىدا قويماق؛ ئېنىق ئېيتماق.
پوش-پوش دەپ يول ئېچىپ بەرمەك؛ جاڭ چېلىپ يول ئاچماق.
پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن ياپقىلى بولماس.