ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
پاسكىنىنى پىت باسىدۇ، ھۇرۇننى چاقا.
پاقالچىقى قىچىشسا قونچىنى تاتىلاپتۇ، بېشى قىچىشسا بۆكىنى؛ مۇھىم ھالقىنى تۇتالماسلىق؛ دەل جايىنى تاپالماسلىق.
پاقا ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ ھارۋىنى توسىيالماس.
پاقىمۇ ئۈچ تاقلاپ بىر ئارام ئالىدۇ.
پاكار ئادەم چۇتۇچى كېلىدۇ.
پاك-پاكىز؛ ھېچنېمىنى قالدۇرماسلىق.
پاك-پاكىز يوقاتماق؛ ھېچنېمىنى قويماي سۈپۈرۈپ تاشلىماق.
پاك-دىيانەتلىك بولماق؛ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك، ئادىل بولماق.
پاك ۋىجدان؛ ساپ قەلب؛ ھالال نىيەت؛ ئاق كۆڭۈل.
پاكىتلىق گەپ قىلماق؛ دەلىل-ئىسپاتلىق گەپ قىلماق.
پالتا پو ياغاچقا ئامراق، قامچا ياۋا كالىغا (ئامراق)
پالتاڭ ئىتتىك بولسا دەرەخ يىقىلىدۇ، سۆزۈڭ يوللۇق بولسا رەقىبىڭ يېڭىلىدۇ.
پايانسىز كەڭ كائىنات. دۇنيانىڭ ئۇ بېشىدىن كىرىپ، بۇ بېشىدىن چىقماق؛ تاغدىن-باغدىن. كۆڭلى-كۆكسى كەڭ؛ كۆكسى-قارنى كەڭ.
پايپىتەك بولۇپ كەتمەك.
پايدا ئالىمەن دەپ زىيان تارتماق؛ قوشلاپ زىيان تارتماق.
پايدا بار يەردە زىيانمۇ بار؛ پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
پايدا بىلەن زىيان بىر تۇغقان.
پايدا-زىيان.
پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى زىچ بولماق.
پايدا زىياننى قاپلىيالماسلىق؛ گۇڭ كۆتۈرمەسلىك؛ ئېشىكى ئۈچ تەڭگە، توقۇمى بەش تەڭگە.