ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىھۇدە كۈلكىنىڭ كەينى يىغا؛ ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار.
بىھۇدە ئىش؛ ھاجەتسىز ئىش.
بىھېساب سۆز؛ نۇرغۇن گەپ؛ سۆز ناھايىتى كۆپ.
بىۋاسىتە ھېس قىلغاندەك بولماق.
پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشماق؛ ئۇزاق ئۆتمەي ۋۇجۇدقا چىقماق.
پات ئارىدا مەنسەپتىن چۈشىدىغان ئادەم. ئۇزاققا بارمايدىغان ئىش.
پات يېقىندا كۆرۈشەرمىز؛ خەير، كۆرۈشۈپ قالارمىز؛ كۆرۈشكە نېسىپ بولار.
پاختا ئىچىدە چوغ ساقلىغىلى بولماس.
پادا باققان چاغدىكى دوست.
پادىدىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەر.
پادىنى بۇزغان شاتراق موزاي؛ بىرىنىڭ كاساپىتى مىڭغا.
پارائېلىپ قانۇننى بۇزماق.
پارچە-پۇرات؛ كەمتۈك؛ يېرىم-يارتا؛ چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتمەك.
پارچە-پۇرات؛ ئۇششاق-چۈششەك؛ يېرىم-يارتا؛ تۇتامغا چىقمايدىغان .
پارچىلىنىپ كەتمەك؛ پارچە-پارچە بولۇپ كەتمەك.
پارقىرىغاننىڭ ھەممىسى ئالتۇن ئەمەس.
پارنىكتا ئۆسكەن گۈل سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.