ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىر نېمىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك پاراكەندە بولماق؛ پەرىشان بولماق.
بىر نېمىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك؛ غەمكىنلىك؛ كۆڭۈل غەش بولماق.
بىر نېمىسىنى يوقىتىپ قويغاندەك ئېسەنگىرەپ قالماق.
بىر نېمىنى ئويلاۋاتقاندەك؛ ئويچانلىق بىلەن؛ قانداقتۇر بىر نەرسىنى خىيال قىلماق.
بىرنى ئاڭلاپ، ئوننى پەملىمەك؛ پەرەز قىلىشقا ئۇستا.
بىرنى بىلىپ،كۆپكە يەتمەك.
بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋالماق؛ بىردىن مىڭنى پەرەز قىلماق.
بىرنى تۇتۇپ مىڭنى چۈشۈرۈپ قويماق؛ تېڭى بار-تېڭى يوق، چاپىنىنىڭ يېڭى يوق.
بىرنى جازالاپ، كۆپنى ئاگاھلاندۇرماق؛ كۆپكە ئىبرەت قىلماق.
بىرنى جازالاپ، مىڭغا ئىبرەت قىلماق.
بىرنى جازالاپ مىڭغا ئىبرەت قىلماق؛ بىرنى جازالاپ كۆپكە ئىبرەت قىلماق.
بىرنىڭ كەينىدىن بىرى ماڭماق؛ سوڭدىشىپ ماڭماق؛ ئىزبېسىپ ماڭماق.
بىرنى ئۆلتۈرۈپ، مىڭغا ئىبرەت قىلماق؛ بىرگە جازا، مىڭغا ئاگاھ.
بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولماق.
بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە بولماق؛ ئارزۇ-ئىستەكلىرى بىردەك بولماق؛ مەسلەكداش.
بىر نىيەت-بىر مەقسەت؛ يەكدىللىك.
بىر نىيەتتە ھەمكارلاشماق؛ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارماق.
بىر نىيەتتە ھەمكارلاشماق؛ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارماق؛ ھەممە بىرلىكتە تىرىشماق؛ مۇ دېيلىدۇ.