ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەسلىك؛ دەرگۇمان بولماق.
بىرىگە ئېرىشىپ، يەنە بىرىگە كۆز تىكمەك؛ ئۆزى تويسىمۇ، كۆزى تويماپتۇ؛ ئىنساپسىزلىق.
بىرى مىڭ بولماق؛ دەسمايىسى ئاز، پايدىسى كۆپ؛ ئازغىنە دەسمايە سېلىپ، زور پايدا ئالماق.
بىرىنچىدىن كەمبەغەل، ئىككىنچىدىن ئاق؛ ھەم نامرات، ھەم قالاق.
بىرىنى ئەتىۋارلاپ، يەنە بىرگە ئەتىۋارسىز قارىماق.
بىرىنى دەپ، بىرىدىن كىچىشكە بولماسلىق؛ ھېچقايسىغا سەل قاراشقا بولماسلىق.
بىرى ھايت دېسە، مىڭى ھۇيت دېمەك؛ ھايت دېسە، تەرەپ-تەرەپتىن لەببەي دېمەك.
بىرى ئونغا تاقابىل تۇرماق؛ باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلماق.
بىرى ئۇنى-بىرى بۇنى دېمەك؛ ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلماق؛ تەرەپ-تەرەپتىن چۇرقىرىشىپ كەتمەك.
بىر ياققا قايرىپ قويماق؛ نەزەر-ئېتىبارغا ئالماسلىق.
بىر ياقىدىن باش چىقارماق؛ بىر نىيەتتە-بىر مەقسەتتە بولماق.
بىر ياقىدىن باش چىقارماق؛ يەكدىللىك بىلەن؛ بىر نىيەتتە.
بىر يەردە مۇقىم تۇرالماسلىق؛ بارغان-تۇرغان يېرى نامەلۇم.
بىر يەرگە جەم بولماق؛ بىر سورۇنغا توپلانماق؛ بىر مەيدانغا يىغىلماق.
بىر يەرگە جەم بولماق؛ خۇشال-خۇرام جەم بولماق.
بىر يەرگە كېلەلمەسلىك؛ بىر قارارغا كېلەلمەسلىك؛ بىرلىككە كېلەلمەسلىك.
بىر يوتقاندا يېتىپ چوڭ بولغان؛ بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان.
بىر يېقىلىش بىلەنلا ئورنىدىن قوپالماسلىق؛ بىر مەغلۇبىيەت بىلەنلا تۈگىشىپ كەتمەك؛ بىر ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراش بىلەنلا بەل قويۇۋەتمەك.
بىغەرەزلىك؛ غەرەز ئۇقماسلىق.
بىغەم ۋە ئەركىن-ئازادە يۈرمەك؛ بىكارچىلىقتا ھۇزۇرلىنىپ يۈرمەك.