ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىلىمسىز؛ ساۋاتسىز؛ قارا قورساق؛ ئېلىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەسلىك.
بىلىملىك ئادەم كەمتەر بولىدۇ؛ مېۋىلىك دەرەخنىڭ شېخى ئېگىك بولىدۇ.
بىلىملىكلەرمۇ، بىلىمسىزلەرمۇ ئوخشاش لەززەت ئالماق؛ ھەممە تەڭ لەززەت ئالماق.
بىلىملىك ۋە زېھىنلىك؛ بىلىمى كەڭ خاتىرىسى كۈچلۈك؛ ئۆتكۈر پىكىرلىك.
بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك.
بىلىمنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولماس.
بىلىمنىڭ قىممىتى كۆپلۈكتە ئەمەس، ئىشلىتىشتە.
بىلىمى ئاز؛ بىلىم دائىرسى تار.
بىلىمى بار بىلىمىگە تاينار، بىلىمى يوق كۈچىگە .
بىلىمى مول ۋە چوڭقۇر؛ نەزەر دائىرسى كەڭ.
بىلىندۈرۈپ قويماق؛ شەپە بىرىپ قويماق؛ ئاشكارا بولۇپ قويماق.
بىمالال بىر تەرەپ قىلماق.
بىمالال سۆزلىمەك؛ كەڭ-كۇشادە سۆزلىمەك.
(بىمالال يازماق(سىزماق)؛ ئەركىن-ئازادە يازماق(سىزماق.
بىمالال يۈرمەك؛ خاتىرجەم يۈرمەك؛ ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتماق.
بىمەنە؛ قائىدىگە سىغمايدىغان .
بىمەنە گەپ؛ بىھۇدە گەپ؛ ئاساسسىز گەپ.
بىھۇد ئاۋارىگەرچىلىك؛ بىھۇدە ئاۋارە بولماق؛ قۇرۇقتىن-قۇرۇق ئاۋارە بولماق.
بىھۇدە ئاۋارە بولماق؛ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق؛ بىھۇدە ئىش؛ ئەجرى بىكار كەتمەك.