ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن.
بىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭ، بىر ئەقىل تاپىسەن؛ تۇمشۇقىغا يېمىگۈچە، بۇرنىغا سۇ كىرمەس.
بىر ئۇچرىشىپلا دوست بولۇپ كەتمەك؛ بىر كۆرۈشۈپلا قەدىناس دوستلاردەك بولۇپ كەتمەك.
بىر ۇلۇپقا بىرئاچقۇچ.
بىر ئۆردەك دەرياغا چۈشسە، قالغىنىمۇ ئەگىشىپ چۈشىدۇ.
بىر ئۆيگە ئوت كەتسە، قوشنا ئۆيلەردىن تۈتۈن چىقار.
بىر ئېغىزدىن چىققاندەك؛ بىر قېلىپتا قۇيغاندەك.
بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا دەل جايغا تەگكۈزمەك؛ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى ئېچىپ بەرمەك.
بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا سىرنى ئېچىپ تاشلىماق؛ بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى ئېچىپ بەرمەك.
بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا.
بىر ئېغىز گېپى ئون گۆھەرگە تېتىماق؛ بىر ئېغىز گېپى ئورۇن بېسىپ قالماق.
بىر ئېقىندا بۇلغانماق؛ ئەسكىلەر بىر قازاندا قاينىماق.
بىرى ئەمەل تۇتسا، دوست يارەنلىرى پاناھ تارتىپتۇ؛ بىر ئەمەل تۇتسا، دوست يارەنلىرى مۇبارەكلەپتۇ.
بىرى باشلىسا، مىڭى ئەگەشمەك؛ بىر چاقىرىق بىلەن تەڭ ھەممە ھازىر بولماق.
بىرى بېسىلماي تۇرۇپ يەنە بىرى چىقماق؛ مەسلىنىڭ ئۈستىگە مەسىلە تۇغۇلماق؛ چاتاقنىڭ ئۈستىگە چاتاق چىقماق؛ تېزىنى باسسا مېزى چىقماق.
بىر ئىت بىر شەپىگە قاۋىسا، ئون ئىت قاۋىغانغا قاۋاپتۇ؛ قارغۇلارچە ئەگەشمەك؛ دوست تارتىشماق.
بىر ئىت قاۋىسا، ھەممە ئىت تەڭ قاۋار.
بىر ئىرغىپلا ئەرشكە چىقماق؛ بىر دىنلا يۇقىرى مەنسەپكە ئېرىشمەك؛ بىردىنلا روناق تاپماق.
بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ئالماق.
بىر ئىشنى باشتىن كەچۈرمىسەڭ، بىر ئەقىلگە ئىگە بولالمايسەن؛ باش تاشقا تەگمىگۈچە، ئەقىل باشقا كىرمەس.