ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىكار تەلەپ؛ ئاقنانچى؛ ئاقنانچىلىق قىلماق؛ ئاشقا تەييار، ئىشقا ھەييار.
بىكار تەلەپلىك؛ ئاق نانچىلىق.
بىكاردىن-بىكار؛ قۇرۇقتىن-قۇرۇق؛ ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق.
بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ.
بىكار كەتمەك؛ يوققا چىقماق.
بىكار يېتىپ يېسە، تاغمۇ توشىمايدۇ.
بىگىز قاپتا ياتماپتۇ.
بىلگەنلەر ئۇستاز بولماق؛ بىلىدىغانلارنى ئۇستاز تۇتماق.
بىلگەننى ئېيتماي قويماسلىق، ئېيقاندىمۇ قالدۇرماي ئېيتماق.
بىللە ئويناپ چوڭ بولماق.
بىللە يۈرۈشنى نومۇس بىلمەك؛ بىللە يۈرۈشتىن ئىزا تارتماق؛ جورا بولۇپ يۈرۈشنى ئار كۆرمەك.
بىلمەسلىكىڭدىن قورقما، ئۆگەنمەسلىكىڭدىن قورق.
بىلملىك بولاي دېسەك كۆپ ئاڭلا.
بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلماق؛ قەستەن قىلماق.
بىلىپ تۇرۇپ سورىماق؛ قەستەن سورىماق.
بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلماق؛ قانۇنغا قەستەن خىلاپلىق قىلماق.
بىلىقنى تۇتۇپ بولۇپ، قارماقنى تاشلىۋەتمەك؛ ئاش بەرگەن قازاننى چاقماق.
بىلىمەسلىك ئەيىب ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىب.
بىلىم ئەمەلىيەتتىن كېلۇر، قابىلىيەت كۈرەشتىن.
بىلىم چەكسىز، ئۆمۈر چەكلىك.