ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىر كۈن راھىب بولسا، بىر كۈن داڭ ئۇرماق؛ كۈن ئۇياققا ، پۇل بۇياققا .
بىر كېچە ئۇخلىمىساڭ، ئون كۈن مۈگۈدەيسەن.
بىرگە جازا، مىڭغا ئاگاھ.
بىر گەز ئۆرلىسە جاھالەت، مىڭ گەز ئۆلەر ئادالەت.
بىر گۆرگە سۇ كىرسە، مىڭ گۆردە ئەنسىزچىلىك.
بىرلا جەڭ بىلەن ئورۇندىماق؛ بىرلا ئەجىر بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارماق؛ بىر قېتىمدىلا ئورۇنداپ بولماق.
بىرلا سۇ ئايرىپ تۇرماق؛ بىرلا ئېقىن ئاجرىتىپ تۇرماق.
بىر لەشكەرنىڭ سەۋەنلىكى ئۆزىگە، بىر سەركەردىنىڭ سەۋەنلىكى مىڭغا.
بىرلىشىپ ئەسكىلىك قىلماق؛ تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلماق.
بىرلىشىپ قوغدىماق؛ ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرمەك.
بىرلىشىۋېلىپ ئەسكىلىك قىلماق؛ تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلماق.
بىرلىكتە ھەمكارلاشماق؛ ھەمكارلىشىپ ئىشلىمەك.
بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرمەك؛ بىر مەھەل دەۋر سۈرمەك؛ بىر مەھەل ئەۋج ئالماق.
بىر مەھەل تەڭدىشى يوق ئادەم؛ بىر مەھەل دەۋر سۈرمەك.
بىر مەھەل دەۋر سۈرمەك؛ بىر مەزگىل داڭ چىقارماق.
بىر مەھەل دەۋر سۈرمەك؛ بىر مەھەل ئەۋج ئالماق؛ بىر مەھەل كەڭ تارقالماق؛ بىر مەزگىل بازىرى چىقماق.
بىرمۇ توغرا يېرى يوق.
بىر مۈدۈرۈش-ئۆمۈرلۈك دەرد؛ بىرەر خاتالىقنىڭ دەردىنى ئۆمۈر بويى تارتماق.
بىر مېھنەت بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرمەك؛ بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن جاپادىن مەڭگۈ خالاس بولماق؛
بىر نەچچىلا؛ يوق دېيەرلىك.