ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىردە قىزىپ، بىردە سوۋۇپ كەتمەك.
بىردەمدىلا ئەمەلگە ئاشماق؛ ھەش-پەش دېگۈچە؛ پات ئارىدىلا.
بىردەممۇ كىچىكتۈرگىلى بولماسلىق؛ زادىلا كىچىكتۈرگىلى بولماسلىق.
بىر دوست كۆپەيسە، بىر يول كۆپىيىدۇ، بىر دۈشمەن كۆپەيسە، بىر يول ئازىيىدۇ.
بىر دومىلاپ باشقا تۈسكە كىرمەك؛ بىر ئېغىناپلا باشقىچە قىياپەتكە كىرىۋالماق؛ بىر دىنلا ئۆزگىرىۋالماق.
بىردىنلا چۈشەنمەك؛ دەرھال ئېسىنى تاپماق؛ بىردىنلا ھوشىنى تاپماق.
بىر دىنلا نام چىقارماق؛ بىردىنلا داڭ چىقارماق.
بىردىنلا ھەيران بولماق؛ ئوڭايلا ھەل بولۇپ كەتمەك.
بىردىنلا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشمەك.
بىر دىنلا يېڭىلانماق؛ بىردىنلا يېڭى تۈسكە بىرمەك.
بىر سۇڭچە يەرنىمۇ تالاشماق؛ ئالقانچە يەرنىمۇ تالاشماق؛ بىر غېرىچ يەرنىمۇ بەرمەسلىك.
بىر سۇڭ يەر-بىر مىسقال ئالتۇن.
بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش دېمە.
بىر سۆزنى تۈزىتىپ بەرگەن ئۇستاز.
بىر سېسىق ئامۇت مىڭ ئامۇتنى سېسىتىپتۇ.
بىر سېسىق ئامۇت ھەممە ئامۇتنى سېسىتىدۇ.
بىرسى باي بولدى، ئونى مالاي بولدى.