ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىرەر كەمچىلىكىنى تۇتۇۋېلىپ، ئارتۇقچىلىقىنى ھېسابقا ئالماسلىق؛ بىرەر تەرەپنى تۇتۇۋېلىپ، قالغان تەرەپلەر بىلەن .ھېسابلاشماسلىق
بىرەرمۇ ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىسى بولماسلىق؛ يات يۇرت.
بىرەر-ئىككى ئېغىز گەپ؛ بىر نەچچە ئېغىز سۆز.
بىر ئەلگە ئۈچ شاھ؛ ئالتە ئۆچكىگە ئاتمىش تېكە.
بىر ئەمەلىي ئىش، يۈز قۇرۇق خىيالدىن ئەۋزەل.
بىر باشقا بىر بۆك لازىم.
بىر باي مىڭنى گاداي قىپتۇ.
بىر بۇتخانىغا بىر بۇت كېرەك.
بىر بۇرۇندا نەپەس ئالماق؛ ھەمنەپەس بولماق؛ گېپى بىر بولماق.
بىر-بىرلەپ تارمار قىلماق.
بىر-بىرلەپ تەھلىل قىلماق؛ تەپسىلىي تەھلىل قىلماق.
بىر-بىرى بىلەن جور بولۇپ، گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلماق؛ بىر-بىرىگە شولا تاشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كۆرۈنمەك؛ بىر-بىرىگە ياراشماق؛ بىر-بىرىنى ئاچماق.
بىر-بىرىدىن بەتتەر؛ بىر-بىرىدىن ناچار.
بىر-بىرىدىن قالغۇسىز.
بىر-بىرىدىن قېلىشماسلىق؛ تەپمۇ تەڭ بولماق؛ تەڭ-باراۋەر بولماق.
بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشىماق؛ بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولماق؛ تۇرمۇشتا بىر-بىرىدن ئايرىلالماسلىق.
بىر-بىرىگە زىت.
بىر-بىرىگە زىت كەلمەك ۋە بىر-بىرىنى شەرت قىلماق.
بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپ قالماق؛ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قارشىپ قالماق.
بىر-بىرىگە ماسلاشقان ئەر-خوتۇنلار؛ ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز.