ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىر غەيرەت بىلەنلا؛ بىر كۈچەپلا.
بىر قاراپلا چۈشەنمەك؛ بىر قاراپلا تېگىگە يەتمەك؛ ئوپئۇچۇق كۆرۈنۈپ تۇرماق.
بىر قازاندا ئىككى خىل تاماق قاينىماس.
بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەسلىك؛ زادىلا ئايرىلماسلىق.
بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىيەلمەسلىك؛ قىين ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماق.
بىر قەرنە ئۆتكەندەك ھېس قىلماق؛ يېڭى بىر دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك تۇيۇلماق.
بىر قول بىلەن كۆپنىڭ ئاغزىنى توسىقىلى بولماس.
بىر قول بىلەن ئىككى بېلىق تۇتقىلى بولماس.
بىر قولدن چاۋاك چىقماس.
بىر قولدىن چاۋاك چىقماس؛ يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس.
بىر قېلىپتىن چىققاندەك؛ بىر قېلىپتا قۇيغاندەك.
بىر كاپام يەپ بىر قازان تاماقنىڭ تەمىنى بىلمەك.
بىر كالتەكتە ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەك.
بىر كۆرگىنى ئېسىدە قالماق؛ بىر قاراپلا يادلىۋالماق.
بىر كۆرۈشكەن تونۇش، ئىككى كۆرۈشكەن توغقان.
بىر كۆرۈنۈپ-بىر كۆرۈنمەي؛ گاھ ئاشكارا-گاھ پىنھان.
بىر كۈرۈپ كۈيۈپ قالماق؛ بىر كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالماق؛ بىر كۈرۈش بىلەن ئاشىق بولۇپ قالماق.
بىر كۈلكىسى مىڭ تىللا؛ ئالتۇندەك تەبەسسۇم؛ قىممەتلىك تەبەسسۇم.
بىر كۈن بىر يىلدەك بىلىنمەك.
بىر كۈن بىر يىلدەك بىلىنمەك؛ كۈنلەر يىلدەك تۇيۇلماق؛ قاتتىق سېغىنماق.