ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىر تال گۈل بىلەن باھار پەسلىنى نامايان قىلغىلى بولماس.
بىر تال گىياھنىمۇ قالدۇرماسلىق؛ ھېچ نەرسە قالدۇرماسلىق؛ ئون ئۆيدە بىر قازان قويماسلىق.
بىر تال ماياق بىر قازان ئاشنى بۇلغار.
بىر تال ياغاچ-تېشىنىمۇ قالدۇرماسلىق؛ تۈپتۈز قىلىۋەتمەك.
بىر تال يوپۇرماق بىلەن كۆزى توسۇلۇپ قېلىپ، تەيشەن تېغىنى كۆرەلمەسلىك؛ يوپۇرماقنى كۆرۈپ، دەرەخنى كۆرەلمەسلىك.
بىر تامچە سۇنىمۇ ئېقىتىۋەتمەسلىك؛ ئازراقمۇ چالا قويماسلىق.
بىر تاياقتا ھەيدىمەك؛ تەڭ كۆرمەك.
بىر تەرەپنىڭ پىكىرى؛ بىر تەرەپلىمە پىكىر؛
بىر تەرەپنىلا بىلىپ، يەنە بىر تەرەپنى بىلمەسلىك.
بىر توپ قاغا-قۇزغۇنلار؛ بىر توپ ئالىقاپلار.
بىر تويغان بىلەنلا ئادەم سەمرىمەس.
بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بەرمەك.
بىر تۇغقان ئىناق بولمىسا، يات بوزەك قىلۇر.
بىر تۆشەكتە يېتىپ باشقا-باشقا چۈش كۆرمەك؛ ھەر كاللىدا بىر خىيال؛ ئىش بىر، نىيىتى باشقا.
بىر تىينغا ئەرزىمەسلىك؛ ئىككى پۇلغا يارىماسلىق.
بىر تىيىنغا ئەرزىمەسلىق؛ بىر يارماققا يارىماسلىق.
بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى؛ بىر-بىرىدىن قېلىشمايدىغان ( بۇزۇقلار ).
بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقماق.
بىر چەتتە ئالىيىپ قاراپ تۇرماق؛ سوغۇق مۇئامىلە قىلماق.
بىر خىل شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق؛ بىر قېلىپتا تۇرۇپ قالماسلىق.