ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بىر-بىرىنى ئالدىماق؛ بىر-بىرىنى ئەخمەق قىلماق؛ بىر-بىرىگە ئورا كولىماق.
بىر-بىرىنى تولۇقلىماق؛ بىر-بىرىنى گەۋدىلەندۈرمەك.
بىر-بىرىنى تۇتۇلۇقلىماق ۋە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرمەك؛ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتمەك؛ بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولماق.
بىر-بىرىنىڭ پېيىگە چۈشمەك؛ بىر-بىرگە ئورا كولىماق؛ بىر-بىرىنى قەستلىمەك؛ پۇت تېپىشمەك.
بىر-بىرىنى مېھماندەك ھۆرمەتلىشىپ ئۈتۈشمەك؛ مېھماندەك ئۆتۈشمەك.
بىر پەشۋا بىلەنلا بىتچىت بولماق؛ بىر زەربە بىلەنلا تارمار بولماق؛ بىر تېپىككە يارىماسلىق.
بىر پەشۋاغىمۇ يارىماسلىق.
بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىماق؛ ئۆمرى ئاز قالماق.
بىر پۇلغا ئەرزىمەسلىك؛ بىر تىيىنغا يارىماسلىق.
بىر پېلەكتە ئون خەمەك، ھەر بىرىنىڭ تەمى بۆلەك.
بىر پېلەككە ئىككى خىل خەمەك چۈشمەس.
بىر تاقلاپ ئەرشكە چىقماق؛ بىردىنلا يۇقىرى مەنسەپكە چىقماق.
بىر تال باشاققا تۈمەنمىڭ تامچە تەر سىڭىدۇ.
بىر تال چاچنى تارتسا، پۈتۈن بەدەن جىغىلداپتۇ.
بىر تال خشتىن تام پۈتمەس، بىر تۈپ دەرەختىن ئورمان (پۈتمەس).
بىر تال دانغا يۈز تامچە تەر سىڭەر.
بىر تال سەرەڭگىمۇ يوغان بىر ئامبارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.
بىر تال سۆڭەكنى دەپ ئون ئىت بوغۇشۇپتۇ.
بىر تال غازاڭدىن كۈز كىرگەنلىكىنى بىلمەك؛ غازاڭدىن كۈز بىلىنەر؛ كىچىككىنە ئالامەتتىن چوڭ ئۆزگىرىشىنى بىلگىلى بولىدۇ.