ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بۇرۇن بولۇپ باقمىغان ۋە كېيىنمۇ بولمايدىغان.
بۇرۇنقى پېتى تۇرماق؛ ئۆز پېتىچە؛ شۇ پېتى؛ ئۆز ئەينى.
بۇرۇنقىدەك؛ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش.
بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان؛ مىسلى كۆرۈلمىگەن؛ زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان.
بۇرۇنقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك؛ ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات.
بۇرۇنقى ئىشلارنى تەھلىل قىلىپ، كەلگۈسىنى مۆلچەرلىمەك.
بۇزمىغۇچە تۈزىگىلى بولماس.
بۇزمىغۇچە قۇرغىلى بولماس.
بۇزۇپ-چېچىپ قۇرۇتۇۋەتمەك؛ بىھۇدە زايە قىلماق؛ بۇزۇپ-چاچماق.
بۇزۇلماس ۋەدە؛ مەڭگۈلۈك ئەھدە؛ چىن كۆڭلىدىن ۋەدە بەرمەك.
بۇزۇلماس؛ يىمىرىلمەس؛ مۇستەھكەم.
بۇس-تۈتەكلەر قاپلىماق.
بۇغداي بار يەردە چاشقان بار.
بۇغدايمۇ بار، قارىمۇقمۇ بار؛ ياخشىسىمۇ بار، يامىنىمۇ بار؛ بەش قول بىردەك ئەمەس.
بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى.
بۇغداينىڭ بانىسا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ.
بۇغىنى ئات دەپ كۆرسەتمەك؛ ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ قويماق.
بۇلاق بېشىغا يېقىن بولساڭ، ئاۋۋال سۇ ئىچىسەن.
بۇلاق سۈيىنى تاغمۇ توسالماس.
بۇلبۇللار سايراپ، قارلىغاچلار ئۇسسۇل ئوينىماق.