ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بۆرىنى بىلمەكچى بولسا ئوۋچىدىن سورا.
بۆرىنى قۇتانغا باشلاپ كىرمەك؛ دۈشمەننى ئۆز ئىچىگە باشلاپ كىرمەك.
بۆرىنىڭ بالىسى بەرىبىر بۆرە.
بۆرىنىڭ بالىسىنى باقساڭ، ئىككى كۆزى جاڭگالدا.
بۈركۈت ئۇخلىغان قىياپەتتە كۆرۈنىدۇ، يولۋاس كېسەل قىياپەتتە.
بۈرگە ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، يوتقاننى كۆتۈرەلمەس.
بۈرگىنى مۇشت بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىلى بولماس
بۈك-باراقساق ۋە ياپيېشىل.
بۈگۈنكى شارابنىڭ كەيپىنى بۈگۈن سۈر؛ بۈگۈنكىسى غەنىيمەت؛ بارىغا پەتە، يوقىغا ئەتە.
بۈگۈنكىنى ئۆتمۈشتىكىگە تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ؛ ھازىرقىنى ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ.
بېجىرىم؛ نوقسانسىز؛ مۇكەممەل.
بېدە توغراشقا پالتا ئىشلەتمە.
بېرىلىپ؛ قېتىرقىنىپ؛ جان كۆيدۈرۈپ.
بېسىمدارلىق قىلماق.
بېسىمدارلىق قىلماق. دەستەك قىلماق؛ دەسمايە قىلماق.
بېشى بار، ئايىغى يوق؛ ئاخىرىغا يەتكۈزەلمەسلىك.
بېشى بار، ئايىغى يوق؛ باشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرىدا بوشاپ قالماق.
بېشى چۈشۈپ كەتمەك؛ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتمەك؛ ئۈمۈتسىزلىنىپ بەل قويۇۋەتمەك.
بېشىدىن ئايىغىغىچە؛ كەم-كۈتسىز؛ سېپى ئۈزىدىن .
بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇق ئۆتكەن؛ كۆپنى كۆرگەن.