ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بېشىغا دەرد كەلمىسە، كۆزىگە ياش كەلمەس.
بېشىغا ئىش كەلمىگىچە، ئىشنىڭ تەسلىكىنى بىلمەس.
بېشىڭدىن ئىش ئۆتمىگۈچە، پەم-پاراسەتلىك بولالمايسەن.
بېشىڭ قاتسا چوڭلاردىن مەسلىھەت سورا.
بېشىنى دەپ بەرمەك، ئايىغىنى ئۆزى تاپماق؛ كاللىسى ناھايىتى ئۆتكۈر؛ زېرەك.
بېشىنى يۇشۇرۇپ، قۇيرۇقىنى يۇشۇرالماي قالماق؛ گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ، ئايىغىنى يۇتۇۋەتمەك؛ گەپنىڭ ئۇچۇقىنى ئېيتماسلىق.
بېشىنى يىمەك؛ تۈگۈشۈپ كەتمەك؛
بېشى يوق چىۋىن كەلگەنلە يەرگە ئۈسۈيدۇ.
بېشى يېرىلىپ، يۈز-كۆزى قانغا بويالماق؛ ئاغزى-بۇرنى قان بولماق. ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماق.
بېگىم چىقتى ئوردىسىدىن، قورقۇپ كەتتىم دورغىسىدىن.
بېگىمنىڭ پەرمانىدىن دورغىنىڭ ئىجراسى يامان.
بېگىمنىڭ خوتنى خېنم بولۇر.
بېلىقتەك شۇڭغۇپ كىرمەك؛ رەت تەرتىپى بويىچە كىرمەك؛ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىرمەك.
بېلىق تۇتاي دېسەڭ دەرياغا كىر، دەرەخ كېسەي دېسەك ئورمانغا.
بېلىقچى دەريا ھېرىسمەن، ئوتنچى تاغقا (ھېرىسمەن)
بېلىقچى قۇش بىلەن قۇلۇلە تۇتۇشۇپ قالسا، پايدا بېلىقچىغا بوپتۇ؛ ئىككى قاغا پوق تالاشسا، ئوۋچىغا پايدا.
بېلىق سۇدىن ئايرىلالماس، تۇرنا توپتىن.
بېلىق سۇغا يېتىشكەندك؛ تەشنالىقى قانماق.
بېلىق سېسىسا ئىچىدىن سېسىيدۇ.