ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بۇلبۇلنىڭ سايرىشىدىن باھارنىڭ كەلگىنى بىلىنەر.
بۇلۇت شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەس، شەبنەم قۇياشقا.
بۇلۇتقا تاقىشىپ، ئاپتاپنى توسىماق.
بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇرماق؛ ئاسمان-پەلەك
بۇلۇت كۈننى توسۇۋالماق؛ يامان ئادەملەر دەۋر سۈرمەك.
بۇلۇتنى يانداش قىلىپ، ئاينى گەۋدىلەندۈرمەك؛ گەۋدىلەندۈرۈپ كۆرسەتمەك. روشەنلەشتۇرۇپ
بۇلۇت ھەرقانچە ئېگىز بولسىمۇ قۇياشنىڭ ئاستىدا تۇرار.
بۇ ئۆمۈر؛ بۇ ھايات؛ ئۆمۈر بويى.
بۇ يەردە 300 سەر تەڭگە يوق؛ ئانام قازناقتا يوق.
بۇيرۇققا شەرتسىز ئىتائەت قىلماق. قارىغۇلارچە ئىتائەت قىلماق؛ نېمە دېسە خوش دەپ تۇرماق.
بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلماق؛ قىل دېگەننى قىلىش، قىلما دېگەننى قىلماسلىق.
بۇيرۇقنى ئامەلدىن قالدۇرماق؛ پەرماننى ئېلىپ تاشلىماق.
بۇيرۇقۋازلىق قىلماق؛ بۇيرۇق چۈشۈرمەك.
بۆرە توپتىن ئايرىلغان قويغا ئامراق.
بۆرە قاچقان قوينى ئاۋۋال يەيدۇ.
بۆرە قول شىلىتىغاندىن قورقار، ئىت ئېڭىشكەندىن.
بۆرە قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالسىمۇ، بۆرىلىكىنى چاندۇرار.
بۆرە كەلگۈچە قوتان سال، سۇ كەلگۈچە توغان (سال).
بۆرە نەگە بارمىسۇن يەيدىغىنى گۆش، ئىت نەگە بارسا يەيدىغىنى پوق.
بۆرىدىن قورققان بۆرىگە يەم بولۇر، بۆرىدىن قورقمىغان بۆرىنى يەم قىلۇر.