ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بېلىققا سۇسىزلىق خەتەر، ئادەمگە ئىشىسزلىق.
بېلىققا سۇ كېرەك، قوغۇنغا پېلەك.
بېلىققا يەم بولماق؛ سۇغا چۆكۈپ ئۆلمەك.
بېلىق كۆزىنى مەرۋايىت قىلىپ كۆرسەتمەك؛ ساختا نەرسىنى ھەقىقىي نەرسە قىلىپ كۆرسەتمەك.
بېلىقنى چوڭقۇرغا قوغلاپتۇ، قۇشقاچنى توقايلىققا؛ خەقنىڭ تۈگمىنىگە سۇ قۇيماق.
بېلىقنىڭ چوڭىنى تۇتاي دېسەڭ، تورنىڭ چوڭىنى سال.
بېلىقىنىڭ چوڭىنى تۇتاي دېسەڭ، يىپىنى ئۇزۇن قويۇۋەت.
بېلىق يەمچۈكنى كۆرۈپ، قارماقنى كۆرەلمەيدۇ.
بېلىق يەمگە قىزقپ قارماققا ئىلىنار، قۇشقاچ دانغا قىزىقىپ قىسماققا چۈشەر.
بېلىق يوغان، سۇ ئاز؛ ئىشتىھا زور، تاماق ئاز بولۇپ قالماق.
بېلىق يوق يەردە پاقىمۇ ئەتىۋار.
بىئارام بولماق؛ تەشۋىشلەنمەك؛ خاتىرجەم بولالماسلىق؛ دەككە-دۈككىدە يۈرمەك.
بىئاراملىق چىرايدىن بىلىنۇر.
بىپايان؛ چەكسىز كەتكەن؛ كۆز يەتكۈسىز.
بىپەرۋالىق قىلماق؛ بىخەستەلىك قىلماق؛ كۆڭۈل قويماسلىق.
بىپەرۋالىق قىلماق؛ ئېرەنسىزلىك قىلماق.
بىخەستىلىك قىلماق؛ پەرۋاسىزلىق قىلماق؛ ئەستايىدىل بولماسلىق.