ئۇيغۇرچە ماقال -تەمسىل ۋە ئىدىيوملار
بوش كەلمەسلىك؛ قېلىشماسلىق.
بوش ئورۇن قالدۇرۇپ قويماق؛ پەخرىي ئورۇن قالدۇرۇپ قويماق.
بوش ئورۇن قالماسلىق؛ ئادەم لىق تولۇپ كەتمەك.
بولسىمۇ بولىدىغان، بولمىسىمۇ بولىدىغان.
بولغۇلۇق بولماق؛ پاكىتقا ئايلانماق.
بولۇشىغا قويۇپ بەرمەك.
بولۇشىغا كۈن ئۆتكۈزمەك؛ ئەپلەپ-سەپلەپ جان باقماق؛ بۈگۈننىلا بىلىپ ئەتىنى ئويلىماسلىق؛ كەينىنى ئويلىماسلىق.
بولىشىغا قويۇۋەتمەك؛ ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەك.
بوۋايغا موماي كېرەك، گىرغا تاش (كېرەك).
بويسۇنغانلار ئامان قالىدۇ، خىلاپلىق قىلغانلار بېشىنى يەيدۇ.
بويسۇنغانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ.
بويغا قاراپ كىيىم پچ.
بوينى ئۈزۈلگەن توخۇمۇ بىر مەھەل پالاقشىپ باقىدۇ.
بويىغان چاچ ئۇزۇنغا پايلىماس.
بۇتتەك قېتىپ قالماق؛ تامدەك قېتىپ قالماق؛ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالماق.
بۇ دۇنيانىڭ تېتىقسىزلىقىغا كۆزى يەتمەك؛ كۆڭلى سوۋۇپ قالماق؛ جاندىن جاق تويماق.
بۇرنىغا يېمىگۈچە ئادەم بولماپتۇ.
بۇرنىغا يېمىگۈچە ئادەم بولماس.
بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرمەك؛ نەزەر دائىرىسى تار.
بۇرنىنى ئېتىۋېلىپ ئۆتمەك؛ يىرگەنمەك.